新闻详情

رېھىم ئەپەندى باۋما X3 ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-25 12:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

« ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، دوستۇمنى ساقلاپ زېرىكىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، تەلىيىمگە بىر ئېسىل ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، بۇنى ھەم كۈتۈلمىگەن ھەم ھەيران قالارلىق ئىش دېيىشكە بولىدۇ.» 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى رېھىم ئەپەندىگە تاسادىپىي چوڭ مۇكاپات چىقتى، يەنى باۋما X3 ئاپتوموبىل مۇكاپاتى.

ئىگىلىنىشىچە، باي ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق رېھىم ئەپەندى ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى 65290135 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، ئادەتتە بۇ پونكىتتا ئەڭ كۆپ ئوينايدىغىنى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئىكەن. 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رېھىم ئەپەندى دوستى بىلەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈشۈپ، بىللە سودا توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغان. رېھىم ئەپەندى سىرتقا بالدۇر چىقىدىغان بولغاچقا، دوستى تەرەپكە دەماللىققا يېتىپ كېلەلمەي، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى 65290135 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ سوغۇقتىن دالدىلىنىپ ئىسسىنىشنى قارار قىلغان. باشقىلارنى ساقلاپ ئولتۇرۇش ناھايىتى زېرىكىشلىك ئىدى، رېھىم ئەپەندى بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىدى، ئۇ پونكىت ئىچىگە چاپلاپ قويغان "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئالتۇن دەۋىر» دە ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىش" توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ كەتتى. پائالىيەت قائىدىسىنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن، رېھىم ئەپەندى ئۈستەلدىكى باشقا لاتارىيەچىلەر قىرىپ ئىشىپ قالغان «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، تەلىيىنى سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بىر پارچە قىردى. ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز باۋما X3 ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقتى، رېھىم ئەپەندى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، رېھىم ئەپەندى ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:«خوتۇنۇم يېقىندا شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىۋاتىدۇ، خوتۇنۇم ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سوۋغات قىلماقچى ئىدىم، ئەمدى "سوۋغات" مۇددەتتىن بۇرۇن تەييار بولدى، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى تېخىمۇ ياخشى بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لاتارىيە ئويۇنى دائىم مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماڭا ھەر خىل خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق "خۇشاللىق" لارنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

5.png

分享到: