新闻详情

كاماندىروپكىغا چىققان يىگىت باۋما ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-25 18:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

     11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئىشقا كېلىپلا، پەلەمپەي ئېغىزىدا ئالدىراش كېلىۋاتقان بىر كېلىشكەن يىگىتنى كۆردى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ھاسىراپ ـ ھۆمۈدىگىنىچە:«مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! باۋما! باۋما. باۋما... X3! »-دېدى.

بۇ يىگىتنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ، شەرقىي شىماللىق، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا كاماندىروپكىغا بارغان بولۇپ، قومۇل شەھىرى پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى مېھمانسارايدا تۇرىدىكەن. ئەسلىدىنلا لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان شياۋلى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش خىيالىنى بېسىۋالالماي، دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى 65220123 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

شياۋليۇ پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيەچىلەر جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، BMW ئاپتوموبىلىنىڭ سوۋغا قىلىنغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى، مال ساتقۇچى شياۋليۇغا:«مەن < ئالتۇن دەۋر>   لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، مەن بىر قانچە پارچە قىرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى. »-دېدى، مال ساتقۇچى شياۋليۇنىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى، ئۇ كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن بىر پارچە « ئالتۇن دەۋر» نى چىقىرىپ شياۋلىغا بەردى، شياۋليۇ لاتارىيە بېلەتنى قولىغا ئېلىپ، تاقەتسىزلىك بىلەن «ئاپتوموبىل ئىزدەش سەپىرى» نى باشلىدى.

«ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شياۋليۇغا چىققان مۇكاپاتمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەنگە يېقىنلاشتى. بىر چەتتە بىللە كەلگەن دوستى شياۋلىغا نەسىھەت قىلىپ: ـــ«ھەي، ئېشىپ قالغان بېلەتنى قىرمايلى، مېنىڭچە بۇنىڭدىن چوڭ مۇكاپات چىقمايدۇ.»-دېدى، شياۋ لى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە ئويلىنىش قىلدى. بۇ چاغدا مال ساتقۇچى شياۋليۇغا مۇنداق دېدى:« ئۇنداقمۇ ئەمەس، بۇ ئاپتوموبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى مۇكاپات يوق بېلەتلەردە چىقىدۇ، بۇ بېلەتمۇ كۆپ ئەمەس، لېكىن ھەرگىز ئەپسۇسلانماڭلار!»-دېدى، شياۋ لى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە – توغرا، داۋاملىق قىرىش كېرەك – دەپ ئويلىدى.

     كونىلاردا: نەسىھەتنى ئاڭلىساڭ، زىيان تارتمايسەن، دەپ توغرا ئېيتقان. شياۋ لى دەرھال تېز سۈرئەتتە قىرىشقا باشلىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىردى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىغا كەلگەندە، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئەستايىدىل بولۇپ كەتتى. ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى قۇرغا كەلگەندە، شياۋليۇنىڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىدە سان يوق، مۇكاپات يوق، پەقەتلا بىر « ئاپتوموبىل» نىڭ رەسىم بەلگىسى بار ئىدى.

      بۇ بەلگىنى كۆرۈپ، شياۋ لى ھاياجانلانغىنىدىن قوللىرى تىترەپ كەتتى ۋە:« مۇكاپات چىقتى! ماڭا مۇكاپات چىقتى! BMW X3 چىقتى!» دەپ ۋارقىردى، شياۋليۇنىڭ توۋلىغان ئاۋازى پونكىتتىكى بارلىق لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، لاتارىيەچىلەر كېلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. شياۋليۇنىڭ يېنىدىكى لاتارىيەچىلەر پات ـ پات ھەۋەس نەزىرى بىلەن قاراپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېيشىتى:«كۆپچىلىك بىزگىمۇ پۇرسەت بار، BMW X3 مۇكاپاتى بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭلار، يەنە كۆپلىگەن BMW X3 ۋە مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتلار بار!»-دېدى.

6.png

分享到: