新闻详情

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا چۇقۇم ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك

发表时间:2020-12-29 12:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

     50 يۈەنلىك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئاپتونوم رايونىمىز بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەرگە ئۈزلۈكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، مانا ئالتايدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ما ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن، بولۇپمۇ ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەر قېتىم يېڭى بېلەت تۈرلىرى بازارغا سېلىنغاندا، ئۇ دائىم بىر نەچچە بېلەت سېتىۋېلىپ سىناپ باقىدىكەن. ما ئەپەندى ھەپتە ئاخىرىدا ئالتاي خاۋجيايۈەن تاللا بازىرى ئەتراپىدىكى 65430128 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغاندا، تۇيۇقسىز بىر لاتارىيەچىنىڭ:«بۇ بېلەتكە ھەقىقەتەن ئاسان مۇكاپات چىقىدىكەن، مەن مۇنداقلا ئويناپ قويسام كاتتا مۇكاپات چىقتى، ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنمەن»-دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدى. بۇ لاتارىيە ئېيتقان بېلەت تۈرى دەل « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئىدى. ما ئەپەندى بۇ لاتارىيەچى ئاچقان بىر بولاق « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نىڭ يەنە يېرىمى قالغانلىقىنى كۆرۈپ:« بۇرادەر، ئېشىپ قالغان بۇ بېلەتلەرنى سىز يەنە قىرامسىز؟ ھې ھې، ئەگەر سىز قىرىۋەتمىسىڭىز، مەن ھەممىنى سېتىۋالاي»-دېدى. لاتارىيەچى خۇشال ھالدا:« قىرمايمەن، ماڭا مۇكاپات چىقتى، مۇكاپاتقا ئېرىشەلىگىنىمدىن ناھايىتى رازى بولدۇم.»-دېدى، ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ما ئەپەندى دەرھال ئولتۇرۇپ قىرىشقا باشلىدى، بىر پارچە، ئىككى پارچە، ئۈچ پارچە... ئىزچىل تۈردە ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىغا كەلگەندە، ما ئەپەندى ئۈچ ئوخشاش رەسىمنى كۆردى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، كۆڭلىدە:« بەك ياخشى بولدى، ئاخىرى مۇكاپات چىقتى»-دەپ ئويلىدى. ئۇ مۇكاپات سوممىسىنىڭ 10 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى، بۇ ئۇنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ:«10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!»، ئۇ دەرھال مال ساتقۇچىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ بېرىشكە چاقىرىدى. ـــ« ھە! تەلىيىڭىز بار ئىكەن، ھەقىقەتەن 10 مىڭ يۈەن ئىكەن! » دېدى مال ساتقۇچى خادىم.

     12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سەھەردە، ما ئەپەندى ئالتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، كۈتۈلمىگەن نەتىجە ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، ما ئەپەندى مۇنداق دېدى:«لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، جامائەت پاراۋانلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ھېسابلىنىدۇ، بۇمۇ ئوخشاشلا خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش.»-دېدى.

1.png

分享到: