新闻详情

سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 34633 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-29 17:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

     2020- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالىدا قارا رەڭلىك مامۇق چاپان كىيگەن، بېشىغا قارا رەڭلىك كالتەك توپ شەپكىسى كىيىۋالغان ناتونۇش بىر پەيدا بولدى، ئۇ قارىماققا بەخىرامان ھەم روھلۇق ئىدى. خىزمەتچى خادىملار قانداق ياردەم كېرەك دەپ سورىغاندا، ئۇ ئالدىرىماي سومكىسىدىن بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى چىقاردى ھەمدە خىزمەتچى خادىملارغا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

خىزمەتچى خادىم بۇ دو تىكىش سوممىسى 10 يۈەن بولغان لاتارىيە بېلىتىنى دو تىكىش ماشىنىسىغا سېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بەردى، بۇ لاتارىيە بېلىتى « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 34633 يۈەن ئىدى.

نېمىشقا بۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى كۈلۈپ كېتىپ، قىسقىلا قىلىپ:« مەن تۇيغۇغا، تەلەيگە تاياندىم»-دەپ جاۋاب بەردى. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە چوڭ مۇكاپات بىلەن باغلانغان كەچۈرمىشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى، 2020 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ تيەنخې بازىرى ئەتراپىدىكى 65232207 پاراۋانلىق لاتارىيە بېكىتىگە كېلىپ، ئادەتتىكىدەك «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى ھەمدە «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ ئالدىنقى ئون قارارلىق يۈزلىنىشىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار ئويلىنىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ سېزىمى بىلەن بەش دو نومۇرىنى تاللىدى. مەبلەغ چەكلىك بولغاچقا، ئۇ بۇ بەش نومۇر ئۈچۈن ئاران بىر ھەسسە دو تىكىپ، كۆڭلىدە ئون يۈەن خەجلەپ كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ يان تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرىنى ئىزدەپ، بۇ بەش نومۇرنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاندىن مۇكاپات ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىپ سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كىلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

2.png

分享到: