新闻详情

ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدى

发表时间:2020-12-30 11:23作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

2.gif



ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى 12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى يازمىچە تەرتىپ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ئەنگلىيە بىلەن كەلگۈسى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى ھەمدە 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ بۇ كېلىشىمنى ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلانىغا ئاساسەن، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا 30 ـ چېسلا بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويىدۇ، شۇ چاغدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دەلېن ياۋروپا ئەللەر ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن بىريۇسسېلدا ئىمزا قويىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون ئەنگلىيەگە ۋاكالىتەن لوندوندا ئىمزا قويىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ بۇ كېلىشىم ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى يەنىلا مۇۋاپىق پەيتتە كېلىشىم نۇسخىسىغا قاراپ چىقىشى كېرەك. ياۋروپا پارلامېنتى بارلىق زۆرۈر تەرتىپلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ۋە تاماملىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئاخىرىدا بۇ كېلىشىمنى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى 1200 نەچچە بەتلىك ئەنگلىيە ياۋروپا كېلىشىمىگە دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقتى.

ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىشلىرىغا مەسۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى بەنىيېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ۋون دەلېن بىلەن بىللە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىلەن «ئۈنۈملۈك» سۆھبەتلەشتىم.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى 24ـ دېكابىر سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ھەمكارلىق تەپسىلاتلىرى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2020 ـ يىلى «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپ پارلامېنتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئېشىپ قالغان ۋاقىت كۆپ بولمىغانلىقتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى جانلىق تەرتىپ قوللىنىدۇ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەردىن كېلەر يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ كېلىشىمنى ۋاقىتلىق ئىجرا قىلىشنى ئالدىن تەستىقلاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا يىغىن ئېچىپ بۇ كېلىشىمنى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com


分享到: