新闻详情

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 16-ئايلانما

发表时间:2020-12-30 11:29作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچڭيۇدى

2.gif




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 2:15تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا ئېيبار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن ئاراۋخو نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، برەيسۋەيتنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، كەينىدىن بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا برەيسۋەيت بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئېيبار كوماندىسىدىن چىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونادىن ئوسمان دېمبېلې بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا بارسېلونا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە ئېيبار كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن مەيدانغا چۈشمىدى، مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى بارسېلونا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئاراۋخو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، ئەمما برەيسۋەيتنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئېيبار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىنۇينىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، چىكنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، بارسېلونادىن ئاراۋخونىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، برەيسۋەيت بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ئۇنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى ئېيبار ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا ئېيبار كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئېيبار ھۇجۇم تەشكىللەپ، چىك ئاراۋخونىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشى بىلەن توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە توپنى ھەيدەپ، چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 68 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، بارسېلونا تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم تەشكىللەپ، فىرپونىڭ سول تەرەپتىن پاس يەتكۈزۈشى بىلەن ئوسمان دېمبېلې چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە ئېيبار كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com



分享到: