新闻详情

مىيتۈەنگە نىمىش بولدى

发表时间:2020-12-30 12:23作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

2.gif




«جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېيتۈەن چىقىمداندا ھەق تاپشۇرۇش يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبلىك مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش دەۋاسىغا ئۇچرىغان، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزغان.

بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋابكار بېيجىڭ سەنكۈەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ سەنكۈەي ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بازارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىشنى قارار قىلغان.

بېيجىڭ شىجىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭ سەنكۈەي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ سەنكۈەي ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى مېيتۈەن (美团) ئەپى، مېيتۈەن باھالاش (美团点评) ئەپى قاتارلىقلار بازارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ، چىقىمداندا ھەق تاپشۇرۇش يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىستېمالچىلارنى يۇقىرىقى ئەپتە چىقىم قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرغان.

بەزى تاراتقۇلارنىڭ بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم ئابونتلار مېيتۈەن ئارقىلىق پۇل تۆلىگەندە مېيتۈەن ۋە بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەشنىڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى بايقىغان، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش، ApplePayمۇ پۇل تۆلەشنى تاللاش تىزىملىكىدە بولۇپ، پەقەت چىقىمدان ئارقىلىق پۇل تۆلەش غايىپ بولغان.

سىناق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، مېيتۈەن بۇيرۇتما (美团外卖) ئەپىدە زاكاز چۈشۈرگەندىن كىيىن چىقىمدان ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولىدىكەن، لېكىن پۇل تۆلەش بېتى يوشۇرۇن ھالەتتە بولۇپ، ئاشكارە ھالەتتىكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلى مېيتۈەن پۇل تۆلەش، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش ۋە Apple Payنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۈچىنچى تەرەپ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەتقىقات ئاپپاراتى Trustdataنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مېيتۈەننىڭ ئېلىمىز بۇيرۇتما يەتكۈزۈش كەسپىدىكى بازار ئۈلۈشى 2019-يىلى 1-پەسىلدىكى %63.4تىن 2020-يىلى 2-پەسىلدىكى %68.2كە ئۆرلىگەن. قورساق ئاچتىمۇ قاتارلىق باشقا سۇپىلارنىڭ بازار ئۈلۈشى جەمئىي %31.8 بولغان.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com




分享到: