新闻详情

ئۇ مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بىلەن سۈركۈلۈپ ئۈتۈپ كەتتى

发表时间:2020-12-30 13:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئامەت كۆپ ھاللاردا تۇيۇقسىز كېلىدۇ. قۇمۇلدىكى شياۋۋاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ، يېقىندا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات تىلغا ئېلىنسىلا، شياۋ ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ساقلاپ كەلگەنلىكىنىڭ جاۋابى دەپ قارايدۇ. ھەر قېتىم «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات ئېچلىش كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ. 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020119-قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغان كۈن، شياۋ ۋاڭ 65220116 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر دو نومۇر تاللاپ 10 ھەسسە دو تىككەن.

       11-ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، شياۋۋاڭ ئادىتى بويىچە تورغا چىقىپ، شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، قولىدىكى لاتارىيە بېلىتى بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ چۆچۈپ كەتتى ۋە خۇشال بۇلۇپ كەتتى! «قوش رەڭلىك توپ» 2020119- قارارلىق قىزىل توپ مۇكاپات نومۇرى:01، 09، 22، 28، 32، 33، كۆك توپ مۇكاپات نومۇرى:15، شياۋۋاڭ تاللىغان قىزىل توپ مۇكاپات نومۇرى:01، 31، 22، 82، 32، 33، كۆك توپ مۇكاپات نومۇرى:15. پەقەت بىر قىزىل توپلا كەم بولۇپ قالمىغان بولسىلا، شياۋ ۋاڭ 10 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى، ئۇ 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن، 10 ھەسسە دو تىككەن بولۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 30000 يۈەن بۇلىدۇ.

شياۋۋاڭنىڭ دوستلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەپسۇسلاندى، چۈنكى ئۇ 10 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بىلەن سۈركۈلۈپ ئۈتۈپ كەتكەن، ئەمما شياۋۋاڭ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى، كۈلۈپ تۇرۇپ:«پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چۇقۇم نورمال كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك، بۇ قېتىم بەختكە يارىشا 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن رازى بولدۇم، ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاپمۇ 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ مېنىڭ تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ»-دېدى.

1.png

分享到: