新闻详情

ئامەتلىك يىگىت ئابدۇللا 40200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-12-30 13:40作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرى ئىچىدە ، نۇرغۇن «دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ» لەر بار، مەسىلەن، قوش رەڭلىك توپ، 35 تىن 7 نى تاللاش، 18 دىن 7 نى تاللاش، 3D نى ئۇيۇنى قاتارلىقلار. ئەمما دائىم كۆرىلىدىغان بۇ ئويۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز ھەممىلا يەردە يېڭى-كونا لاتارىيىچىلەرگە مۇكاپات چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ پەقەت نومۇر تاللاشنى بىلگەنلىكنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئىزچىللىق بىلەن ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى 65320139 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا، مانا مۇشۇنداق لاتارىيەچى بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بۇلۇپ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئوينىغان بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئىزچىل ئۆزىنىڭ تەلەيلىك سانىنى ساقلاپ كەلدى، ئۇ 3D ئويۇنىدىكى يەككە تاللاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئابدۇللا ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65320139 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئويۇن نومۇرى «585» نى داۋاملىق ساقلىماقچى بولدى. ئابدۇللا ھېسابلاپ بېقىپ، داۋاملىق ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرىنچى بېلەتكە 15 ھەسسە دو تىكتى، ئوخشاشلا ئىككىنچى بېلەتكىمۇ 15 ھەسسە دو تىكتى.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئابدۇللا مال ساتقۇچىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن«3D» ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى «585» بولۇپ، دەل ئۇنىڭ نومۇرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئابدۇللا بىر قېتىمدا 30 ھەسسە سېتىۋالغان بولۇپ، 3D ئۇيۇنى تارقىتىش مۇكاپاتىنى قوشقاندا جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 40200 يۈەن بولغان.

ئابدۇللا بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ۋە دەرھال خوتەن ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. مېڭىش ئالدىدا، ئابدۇللا خۇشال بولغان ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:« مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان، پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتىم، بۇنداق ياخشى ئىشنى راستتىنلا ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، شۇنداقلا داۋاملىق پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشىمەن!»-دېدى.

2.png

分享到: