新闻详情

بايرام ۋە يۇقۇم توغرىسىدا

发表时间:2020-12-30 12:33作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى

2.gif

2021-يىلى يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە يېڭى تاج ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

ئائىلىدە شەخسىي يىغىلىش، ئوپچە تاماق يېيىش قاتارلىقلارنى 10 دىن تۆۋەن كونترول قىلىش، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار كىشىلەر ئامال بار يىغىلىشقا قاتناشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى تېزلەشتى، ئېلىمىزدە يۇقۇم ئەھۋالى ئاندا ساندا تارقىلىش ۋە قىسمەن يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى گىرەلىشىپ كېتىش ھالىتى كۆرۈلدى شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولدى. يېڭى يىل ۋە چاغان (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئىككى بايرام» دېيىلىدۇ) مەزگىلىدە، چېگرا سىرتىدىن ۋەتەنگە قايتقانلار كۆپەيدى، چېگرا ئىچىدە ئاقما كىشىلەر توپى ۋە يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدە پائالىيەت كۆپ، ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرسىمان يېمەكلىكلەر ۋە مال ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ يۇقۇم تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى زورايتىدۇ. « ئىككى بايرام» مەزگىلىدىكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن،گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا،   ئىككى بايرامدا كۆپىچلىكنىڭ تۆۋەندىكى ئالاقىدار ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۇقتۇرىمىز:

1-شەخسىي قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

(1) شەخسىي قوغدىنىشنى چىڭىتىش كېرەك.جامائەتنىڭ ئىلمىي ھالدا ماسكا تاقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، لىفىت قاتارلىق يېپىق سورۇنلاردا پۈتۈن مۇساپىلىك ماسكا تاقاشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. قولنى پات پات يۇيۇش، يۆتىلىش، چۈشكۈرگەندە توسۇۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

(2)خادىملارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش. بىر مېتىردىن يۇقىرى بولغان ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك. ئائىلىدە شەخسىي يىغىلىش، ئوپچە تاماق يېيىش قاتارلىقلارنى 10 دىن تۆۋەن كونترول قىلىش، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى باربولغان كىشىلەر ئامال بار قاتناشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامال بار ئادەم توپلىشىدىغان، بولۇپمۇ يېپىق سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك.

(3)ھاۋا ئالماشتۇرۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىشنى كۈچەيتىش. ئۆي ئىچىدە دائىم ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتناش تىرانسپورت مەيدانى، پونكىتى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى بايرام مەزگىلىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇش،دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۆپەيتىپ، قاتناش قوراللىرى ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىشى ۋە توپلىشىشىنى ئازايتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

(4)نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى خادىملار، شەھەر ھەرىكىتىنى قامدايدىغان ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملار قاتارلىقلارغا قارىتا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى يولغاقويۇش كېرەك.

2-جەمئىيەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئىبارەت« بەشتە بىر دائىرە بولۇش» تىنئىبارەت ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

(5) « بەش بولۇش» . ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئورۇنلار، كارخانىلار، بولۇپمۇ يېزا ـ بازار) كوچا باشقارمىسى (، كەنت) مەھەللە (لەردە»بەش بولۇش« نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش كۆرسەتمىسى بولۇش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇل كىشى بولۇش، مۇۋاپىقمىقداردىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى بولۇش، تەۋە رايوندىكى داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش كۈچلىرى يېتەكچىلىك قىلىش، قوللاش، ئايرىۋېتىش سورۇنى بولۇش ۋە يۆتكەپ توشۇش تەييارلىقى بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(6)« بىر تور»   يېزا ـ بازار ( كوچا باشقارما)كەنت (مەھەللە) لەر خادىملارنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە بېرىشقا تەشكىللەپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتقانلار (بولۇپمۇ ئىمپورت سوغۇق يېمەكلىككە ئالاقىدارخىزمەتلەر بىلەن يۇرتىغا قايتقانلار) (سىرتتىن كەلگەنلەر، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەنلەر، چېگرادىن كىرگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش، رەتكە تۇرغۇزۇش ۋە كۈندىلىك ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەخسلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئايرىۋېتىش ۋە دوكلات قىلىشنى تەكىتلىدى. سەييارە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە دوكلات قىلىش كېرەك.

3-ساھەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.

(7)خاتا ۋاقىتتا سەپەرگە چىقماسلىق ۋە توردا ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەش. مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىللىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاپ مەكتەپكە قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەكتەپتە قېلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلدى.ئىشلەمچى قاتارلىقلارنى شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئىش ئورنىدا قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى بېرىش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى،تۈرمە، قاماقخانا قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سوداكارخانىلىرىنى ئاممىنىڭ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە يېتەكلەپ، توردا ۋەتور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ،چاغانلىق مال سېتىۋېلىشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەتەر ئىھتىمالىنى تارقاقلاشتۇردى.

(8)قاتناش يولۇچىلار ئېقىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش. بېلەت سېتىشنى ئىلمىي تەشكىللەپ ۋە قاتناش ۋاستىسىغا چىقىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ۋە توپلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئايروپىلان، پويىز، ئۇزۇنيوللۇق ئاپتوبۇس، نۇقتىلىق سۇ رايونى، سۇ يولى تىرانسپورتى قاتارلىق قاتناش ـ تىرانسپورت قوراللىرىغا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، نومۇر بويىچە ئورۇن ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋوگزالغا كىرىش (ئايرودۇرۇم) ، پويىز كۈتۈش(ئايروپىلان، پاراخوت) قاتارلىق بېكەت، رايونلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنى تېز ئۆلچەش ۋە يولۇچىلارنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. « ساغلاملىق كودى» نى مەملىكەت بويىچە بىر كود بويىچە يۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ،يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىكاننېرلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

(9)قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش. قاتناشنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇرتىغا قايتقان ئاممىنىڭ ئىش ئورنىغاقايتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. « ئۇچراشمايدىغان» بېلەت تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، « قەغەزسىز» قولايلىق سەپەرگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستانسىدايولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، تاموژنا كارانتىن قىلىش ۋە كۆچمەنلەرنى تەكشۈرۈش كۈچلىرىنى يېتەرلىك سەپلەپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ توردا چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىشىگە ئىلھام بېرىپ، پورت نەق مەيدانى ۋەچېگرادىن كىرىش ـ چىقىش كىنىشكا بېجىرىش سورۇنىدىكى خادىملارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.

(10)يۇقۇمنىڭ كىرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش. چەت ئەللىكلەرنىڭ قىسمەن ئىناۋەتلىك ۋىزا،تۇرۇش ئىجازىتىنى ئېلىپ چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى داۋاملىق ۋاقىتلىق توختىتىش كېرەك.قاراتمىلىق ھالدا باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلەرنىياخشى ئىشلەش، تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر ۋە چېگرادىن كىرگەندىن كېيىنكى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. چېگرىدىن كىرىپ چىقىش ساياھەتچىلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. چېگرادىن كىرىش-چىقىش كوللېكتىپ ساياھىتى ۋە« ئايروپىلان بېلىتى+ مېھمانساراي» كەسپىنى داۋاملىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك كېرەك. چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش گۇۋاھنامىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنى زۆرۈر بولمىغان چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ساياھەت بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسىنى ئېلانقىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسكەرتىش ۋە دەۋەت قىلىش. خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.جۇڭگوغا كەلگەن ھەر خىل نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چېگرىدىنكىرىدىغانلارنىڭ سەھىيە كارانتىنى ۋە كېيىنكى ئايرىپ كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تەرتىپ بويىچە يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت قىلىنغان بۇيۇملار، بولۇپمۇ سوغۇق زەنجىرسىمان يېمەكلىك ئورالمىسى، توشۇش قوراللىرىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپكارلارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي قوغدىنىش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

(11)چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق كىشىلەر كۆجۈملەشكەن پائالىيەتلەرنى ۋاقتىنچە تەستىقلىماي، بايراملىق تىلەك تىلەش، بۇتخانا سەيلىسى،پانۇس سەيلىسى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئادەم ئېقىمنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كىرىش ـ چىقىش يولىنى ئايرىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـتىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پائالىيەتلەرنى تەستىقلىماسلىق كېرەك.

12.مەنزىرە رايونى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ كۈتۈۋېلىش كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.مەنزىرە رايونى ئالدىن كېلىشىشنى دائىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چەكلىك بولۇش، ئالدىن كېلىشىش، خاتا ھالدا باغچىغا كىرشتىن ساقلىنىپ، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىنىڭ% 75ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك،تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىستېمالچىلارنى قوبۇل قىلىش سانى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئادەم سانىنىڭ% 75ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

4.يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

13.تەشكىلىي رەھبەرلىك، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر 24 سائەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قوماندانلىق قىلىش نۆۋەتچىلىك سىستېمىسىنى يولغا قويۇش. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلار قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بايرام مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەييارلىق مەزگىلىدىكى ھالەتنى ساقلاپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرى، ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلار قاتارلىق ئاممىنى قولايلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ،قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بايرام مەزگىلىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك خادىملارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، يىغىن،يىغىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە ئادەم سانىنى كونترول قىلىش، ئىمكان قەدەر توردا يىغىن ياكى سىن يىغىنى ئېچىش، 50 تىن ئارتۇق كىشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپى چاغاندىن بۇرۇن يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. بايرامدىن ئىلگىرىكى ۋە بايرام مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدابايقاش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

14.خىزمەتچىلەرنى خىزمەت ئورنىدا دەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرتەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، دەم ئېلىشنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى چاغان مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر خىزمەت ئورنىدا دەم ئېلىشقا يېتەكلەپ، خىزمەت ئورنىدا قالغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. چاغان مەزگىلىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىىش.

15.توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەييارلىقى ۋە بىر تەرەپقىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ« ئىككى بايرام» مەزگىلىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دوختۇرخانا سېزىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغاندىن كېيىن دەرھال ئالاقىدار لايىھە ۋە لايىھە بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com





分享到: