新闻详情

سىچۈەنVSشىنجاڭ

发表时间:2020-12-30 17:31作者:ئەلكۈيى

2.gif



بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز مەيدان غەلىبە قىلىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى يېقىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان مەغلۇپ بولغان سىچۈەن كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى 98:103 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىشتەك نەتىجىنى ياراتتى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى ناھايىتى تېزلا مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن سىچۈەن كوماندىسى چەتئەللىك ئەزانىڭ باشچىلىقىدا كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، شىنجاڭ كوماندىسى جوۋ چىنىڭ گار ئاستىدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن يەنە نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 25:32 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

كېيىنكى چارەك مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى، سىچۈەن كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا چوڭ بېسىم قىلدى، گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى مەيداندا پاسسىپ ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى 50:55 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جوۋ چىنىڭ مەيداندا بولماسلىقى بىلەن سىچۈەن كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نومۇر پەرقىنى بىر نومۇرغا كىچىكلەتتى، جوۋ چى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۈنۈمى بىر ئاز ياخشىلاندى، نومۇر پەرقى داۋاملىق چوڭايدى، سىچۈەن كوماندىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 72:78 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ سىچۈەن كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، چەتئەللىك ئەزا ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، موتېيۇناس ۋە جوۋ چى بىرلىشىپ گار ئاستىدا رەقىبىگە زور بېسىم قىلدى، گەرچە سىچۈەن كوماندىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ھالقىلىق ۋاقىتتا يەنىلا نومۇر پەرقىنى ساقلاپ قالدى ۋە ئاخىرىدا 98:103 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋ چى 28 نومۇر، 17 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ موتېيۇناس14 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ سەييۈ 15 نومۇر ئالدى ۋە ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ چى لىن 14 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋۇ يوڭشىڭ 11 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئابدۇسالام بەش نومۇر ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇ لىپىڭ سەككىز نومۇر ئالدى.

سىچۈەن كوماندىسىدىن ھېنتېر 33 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خەن شو 11 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈەن تاڭۋېن 14 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى يۈەنيۈ 10 نومۇر، ئالتەقېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جىڭ خەنيى ئالتە نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

1.jpg

图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:阿海



5.jpg

www.alkuyi.com


分享到: