新闻详情

ئۈمىد مەلىكىسى خەدىچە

发表时间:2020-12-31 14:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:爱酷艺直播

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ،   شىنجاڭ سېھرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2021-يىللىق يېڭى مەسۇلاتلىرىنى تور يۈزىدە ئېلان قىلىش نەق مەيدان پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا كۈيلەر خانىشى   ،سېھرى شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى نۇرنىسا ئابباس خانىم بۈگۈنكى پروگراممىغا سېھرى شىركىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان رايونىمىز مىللىي كارخانا ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان ئاتاقلىق كارخانا يىتەكچىسى خەدىچە مۇئەللىمگە «ئۈمىد مەلىكىسى » خەدىچە مۇئەللىم دەپ نام بىرىشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى   ۋە بۇ قېتىملىق پروگرامما ئارقىلىق تورداشلارغا خەدىچە مۇئەللىمگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگۈسى بارلىقىنى بىلدۈردى ، بۇ نام ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن تورداشلار ھەممەيلەن خەدىچە مۇئەللىمنى ماختاشتى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشتى.

بۇ قېتىملىق بىۋاستە تارقىتىش رايونىمىز مىللىيچە تاراتقۇلىرىنىڭ باشلامچىسى ، ئوزۇن يىللاردىن بۇيان تور ئىشلىرىغا تۆھپە كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان داڭلىق تور تاراتقۇسى   ئەلكۈيى تورىغا بارلىق تاراتقۇلاردا بىۋاستە تارقىتىلدى ، بىۋاستە تارقىتىشنى ئەلكۈيى تورى كومپيۇتېر نۇسخىسى ، ئەلكۈيى سالونى شۇنداقلا ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالى قاتارلىق ئوخشىمىغان سۇپىلاردىن جەمئىي 400مىڭدىن ئارتۇق تورداش كۆرۈپ ، شىنجاڭ سېھرى شىركىتىنىڭ يېڭىلىقلىرىغا جۆر بولدى .


بىۋاستە تارقىتىشنىڭ تولۇق قسىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز خالىغانچە كۆرەلەيسىز.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网直播频道

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:迪丽胡马尔

制作:张伟



5.jpg

www.alkuyi.com


分享到: