新闻详情

سېھرى 2021 ئېچ كىيىملىرى

发表时间:2020-12-31 15:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:爱酷艺直播

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە شىنجاڭ سېھرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2021-يىللىق يېڭى ئىچ كىيىملىرىنى تور يۈزىدە ئېلان قىلىش مۇراسىمى رايونىمىز ئاخبارات ئىشلىرىدىكى باشلامچى كارخانا شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلۈپ ، نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلدى.

مۇراسىمدا سېھرى شىركىتىنىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلماقچى بولغان ساپ يىپەك ۋە ساپ پاختىدىن ئىشلەپچىقارغان ئەڭ   يېڭى پاسوندىكى ئالىي ھوجرۇلۇق ئىچ كىيىملىرىنى ئېلان قىلىندى ۋە يېڭى كىيىملەرنىڭ ئاز بىر قىسىم شەكىللىرى ۋە تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىلدى.

1314.jpg

تورداشلارغا تېخىمۇ كەڭ چۈشەنچە بىرىش مەقسىتىدە ،يېڭى كىيىملەر ۋە سېھرى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى مەلۇمات بىرىش مەقسىتىدە ،   ئەلكۈيى تورى بۇ نۆۋەتلىك مۇراسىمنىڭ يوپۇق ئېچىش جەريانىنى بىۋاستە تارقىتىش فىلىمىدىن ئايرىپ كىسىپ ، ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى ئەپ دىتالى قاتارلىق سوپىلاردا ئېلان قىلدى .


بۇ شىركەت يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن «سېھرى» ۋە «ئايفەر» ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىغا ئېتىبار باھادا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دۇكان ۋە تور ۋاكالەتچىلىرى قوبۇل قىلىدۇ، سېھىرلىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى، يېڭىلىق يارىتىشى ئاساسىدا ئەگەشكۈچىلەرنى بازارلىق كەسىپ بىلەن تەمىنلەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل مەنزىلگە بىرلىكتە قۇچاق ئاچقۇسى!



كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خانىم-قىزلار تېشىغا ئېسىل كىيىپ، چىرايلىق پەردازلىنىپ، تاشقى گۈزەللىكىگىلا ئېتىبار بېرىپ قالماستىن، ئىچىگە ئېسىل ئىچ كىيىملەرنى ئىزدەپ تېپىپ كىيىپ، ساغلاملىقىغا تېخىدىنمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. ئاياللارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ۋاقتى ئائىلىدە ئۆتىدىغان بولۇپ، ئائىلىدە خانىم-قىزلار راھەت كىيىنىپلا قالماي، جەلىپكار بولۇشى، شىرىن نازۇ-نىمەتلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرسا، تەنناز، جەلىپكار ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىپ، ئائىلىنىڭ ھەقىقىي ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تىرىشىپ، رايونىمىزنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ماس، مۇۋاپىق باھادىكى ئېسىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ قىسقىغىنە تۆت يىل مابەينىدە خانىم-قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ كەلگەن شىنجاڭ سېھرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خانىم-قىزلارنى تېخىمۇ گۈزەل فىگورىغا ۋە ساغلام تەنگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق رەختلەردىن ئەڭ يېڭى پاسۇندا راھەت، رومانتىك، نەپىس ۋە يارىشىملىق قىلىپ «سېھرى» ماركىسىدىكى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئىچ كىيىملىرى ۋە ھۇجۇرلۇق كىيىملەرنى ئىشلەپ يېڭىدىن بازارغا سالدى.

«ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەندەك سېھرى شىركىتى ھۇجۇرلۇق كىيىملەرگە كۈي خانىشى نۇرنىسا ئابباسنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللىدى. بۇ كىيىملەرنىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولغىنى بىلەن، خانىم-قىزلىرىمىزغا ئېسىلزادىلارچە ھۇزۇر، راھەتلىك بېغىشلاپلا قالماي، تەننازلىق ۋە جەلپكارلىقىنىمۇ ئاشۇرالايدۇ.

سېھرى ماركىسىدىكى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئىچ كىيىمى-شىركەتنىڭ «سىزدىكى راھەتلىك بىزدىكى سۈپەت» دېگەن ۋەدىسى بويىچە ئۆزىنى سۆيگەن ۋە ئائىلىسىنى سۆيگەن خانىم-قىزلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن سۇنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى. بۇ ئىچ كىيىملەر نازىنىنلارغا ھەقىقىي گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى بېرەلەيدۇ. سېھرى يېڭىلىقلىرى پۈتۈن خانىم-قىزلارنىڭ قەلبىنى لال قىلالىغۇسى!

بۇ شىركەت يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن «سېھرى» ۋە «ئايفەر» ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىغا ئېتىبار باھادا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن دۇكان ۋە تور ۋاكالەتچىلىرى قوبۇل قىلىدۇ، سېھىرلىكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى، يېڭىلىق يارىتىشى ئاساسىدا ئەگەشكۈچىلەرنى بازارلىق كەسىپ بىلەن تەمىنلەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل مەنزىلگە بىرلىكتە قۇچاق ئاچقۇسى!


بىۋاستە تارقىتىشنىڭ تولۇق قسىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ كۆرسىڭىز خالىغانچە كۆرەلەيسىز.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片




来源:爱酷艺网直播频道

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:迪丽胡马尔

制作:张伟



5.jpg

www.alkuyi.com



分享到: