新闻详情

مېركېل: بۇ مېنىڭ ئەڭ قىيىن بىر يىلىم

发表时间:2021-01-01 12:43作者:alkuyi.com来源:qq.com


640-24.gif

640-59.png

3.jpg





تەبرىك سۆزىدە مېركېل يەنە ئۆزىنىڭ توققۇز ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گېرمانىيە زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئاممىغا يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

مېركېل مۇنداق دېدى: قىلچە مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۆتكەن 15 يىلدا بىز قايسى يىلنىڭ بۇنداق ئېغىر ئۆتكەنلىكىنى ئەزەلدىن بايقاپ باقمىدۇق، گەرچە بىزدە يەنە تۈرلۈك ئەندىشە ۋە ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بىز يېڭى بىر يىلنى ئەزەلدىن بۇنداق تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ باقمىغان.

يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مېركېل يەنە ھەر خىل سۈيقەست نەزەرىيىچىلىرىگە زەربە بەردى، مېركېل مۇنداق دېدى: بىز يۇقۇم تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز، ئۇلار ھەتتا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنىمۇ ئۆتكۈزەلمىدى. مېركېل يەنە مۇنداق دېدى: يۇقۇمدىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر گۇمانلانغاندا ۋە ئىنكار قىلغاندا، ۋاپات بولغانلارغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۈرىكى قانچىلىك ئازابلانغاندۇ. سۇيىقەست نەزەرىيەسى خاتا ۋە خەتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شەخسىيەتچىلىك ۋە رەھىمسىزلىكتۇر.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مېركېل گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى باشلاپ 2008ـ يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، گىرېتسىيەنىڭ قەرز كىرىزىسى ۋە ياۋروپا مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلغان، ئۇ كەيپىياتىنى ناھايىتى ئاز ئىپادىلەيدۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ سۆزىدە شەھەرنى قامال قىلىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ ۋاكسىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ۋاكسىنا ئەملەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.


分享到: