新闻详情

خەير-خوش 2020-يىلى

发表时间:2021-01-01 13:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




2020-يىلى تارىخ سەھىپىسىگە خاتىرلەپ قويغۇدەك بىر يىل بولدى. ئەسلىدە پۈتۈنلەي يېڭى باشلىنىش بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق تۇيۇقسىز جىددىي تورمۇز تۇتقاندەك بولدى. ئويلىمىغان يەردىن بىز تۇرمۇشنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھچى بولدۇق.

يۇقۇم ئەھۋالى، تەبئىي ئاپەت، ئىچكى رىقابەت...

گەرچە بۇ بىز تىرىشىپ ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان بىر يىل بولسىمۇ، لېكىن ھامان بەزى ئىشلار ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ، ئاسانلىقچە ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ ئىشلارنى ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئون ئاچقۇچلۇق سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

01

يۇقۇم

يۇقۇم ئەھۋالى 2020-يىلىغا ئاساس سالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئاساس ئانچە ياخشى ئەمەس. ماسكا بەلكىم ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر كۈنلەردە «يېڭى ئېھتىياج»غا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ۋىرۇس تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن، شۇنداقلا ئۇ بىزگە ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغىنى، چەكسىز ۋەھىمە ۋە گاڭگىراش ئىدى...

چوقۇم يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرۈشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كودى، بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سالاھىيەت ئىسپاتىمىزغا ئايلاندى، ئۇ بولمىسا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ.

قارىماققا قولايلىق كۆرىنىدىغان «توردا ئىش بېجىرىش»، زادى ئىشنى ئاسانلاشتۇرامدۇ ياكى ئاۋارىچىلىقمۇ، بۇنى پەقەت ئۆزىمىزلا بىلىمىز.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ 2019-يىلىدا، 2020-يىلى ئۈچۈن نۇرغۇن نىشان بېكىتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، كېيىن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر نىشانىنىڭ پەقەتلا ھايات قېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

滚蛋吧,2020

ئەلۋەتتە، يۇقۇم ئەھۋالىغا نىسبەتەن بىز پۈتۈنلەي ئامالسىزمۇ ئەمەس.

سانسىزلىغان تېببىي خادىملار ئەڭ گۈزەل ئېقىمغا قارشى ماڭغۇچىلارغا ئايلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ بىزنى قوغداش ئۈچۈن كېسەل بىلەن كۈرەش قىلدى.

سارسقا تاقابىل تۇرغان قەھرىمان جۇڭ نەنشەن يەنە بىر قېتىم سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى جەڭ قىلدى.

تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ياردەم، ئەسلىدىكى ناھايىتى ئاجىز كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمىزنى بىراقلا چوڭايتتى.

يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ.

02

يايما ئىگىلىكى

«مانا مەن يايمىدىم كىيىم ئېلىپ كىيىمەن!»

بىر چاغلاردا، يايمىچىلار بىزنىڭ كۆزگە ئىلمايدىغان ئوبيېكتىمىز ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە يايما يېيىشنىڭ بىر خىل مودىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يەتسۇن.

كەڭ كەتكەن كىچىك كوچىلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جانلىنىپ، ھەر خىل-ھەر ياڭزا ئادەم ۋە ماللار بىلەن توشۇپ، يېڭى بىر مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرخىل سالاملىشىش ئۇسۇلى كۆپەيدى:

ـــ بۈگۈن نېمە ساتاي دەيسىز؟

ـــ بۈگۈن يايمىدىن قانداق ھوسۇل ئالدىڭىز؟

滚蛋吧,2020

ھەتتا ئىلگىرى جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن يايمىچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ تۇيۇقسىز غەلىتە بولۇپ قالدى.

ئىلگىرى، يايمىچىلار شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىنى كۆرسىلا بەدەر قاچاتتى، ھازىر شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون بېرىپ كىشىلەرنىڭ يايما يېيىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇنى ئاڭلاپ بەزى يايمىچىلار ئىككىلىنىپ تۇرۇپ: «بۇ قىلتاقمۇ قانداق؟» دەپ ئويلايدىغان بولدى.

03

بىۋاسىتە كۆرسىتىش

فىزىكىلىق ئارىلىقنىڭ توسۇلۇشى، بىۋاستە كۆرسىتىشنى تۇيۇقسىز قىزىتىۋەتتى.

سودىگەرلەر بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلسا، ئوقۇتقۇچىلار بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق بىلىم ئۆگەتتى.

لو يۇڭخاۋ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىپ ئۆزگەرتتى، لى جياچى، ۋېي يا قاتارلىقلارمۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ «قوش 11»دە يەتتە مىليارد يۈەنلىك سېتىش سوممىسىنى ياراتتى، ھەمدە ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلاردىن قېلىشمايدىغان ئېقىم مىقدارىغا ئىگە بولدى.

ھەر قايسى داڭلىق چولپانلار بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ، بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى، بىۋاستە كۆرسىتىش ئونۋېرسال سەنئىتىگە ئۆزگەرتتى، بۇ بىرخىل مال سېتىش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىچە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

ئەلۋەتتە، كىشىلەر نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتىن باشقا، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرەلەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ھەمراھ، بىر خىل ئۇلانما ئىزدەيدۇ. لى جياچىنىڭ كۈچەپ مال ساتقان ئاۋازى بەزىدە كىشىلەرگە زېرىكىشلىك ھېس قىلدۇرمايدۇ.

滚蛋吧,2020

نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئەسلىدە ئىش ئورنىغا چىقىپ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولماقچى ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىز نەخسۇنۇم بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەيران قېلىشتى.

ئۇلار ئۈستىگە كاستۇم، ئاستىغا ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ئىشتىنى كىيىپ بىۋاستە تارقاتتى، بىۋاستە تارقىتىش جەريانىدا يەنە بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز يىغلاش قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.

بىراق ئامال يوق، نەخسۇنۇملارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى بېكىتىلگەن ئىكەن، مەيلى قانداق تاسادىپىي ئەھۋال بولسۇن، داۋاملىق بىۋاستە كۆرسىتىش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

04

مۇستەقىل ئايال

بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل «مۇستەقىل ئاياللارنىڭ تۇنجى يىلى» ئىكەن.

لاڭ ھەدە، «30 ياش خالاس» (三十而已) قاتارلىق قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇنۋېرسال سەنئەت فىلىملىرى قويۇلۇپلا قالماي، ئاياللار توغرىسىدىكى تېمىلارمۇ بۇ يىلدىكى ناھايىتى قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.

بۇ ئەسەرلەردە +30، +40، +50 ياشلىق ئاياللار تەرتىپ بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسىلەن، ئادونىڭ مىللىي مۇزىكىغا بولغان كۈچلۈك قىزغىنلىقى.

مەسىلەن، گۇجيانىڭ قاتمۇ قات قىيىنچىلىق ئىچىدە نامايەن قىلغان قەيسەرلىكى.

ساپ تاشقى قىياپەت گۈزەللىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تاۋلاپ چىقىلغان بۇ ساپالەت، روشەنكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە بولىدۇ.

滚蛋吧,2020

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ گۈزەللىكىگە دىققەت قىلدى، ئەمما تەھرىرنىڭ ئېيتماقچى بولغىنى، بۇ گۈزەللىكلەردىن سىرت، ئۇلار نامايان قىلغان پەزىلەتلەر ھەقىقىي قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

بۇ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى يەنىلا ئاياللارنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشىغا چىقىش ئېغىزى ھازىرلاپ بەردى.

05

ئىچكى رىقابەت

ئىچكى رىقابەت ئەسلىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچىغا يەتكەندىن كېيىن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتەتتى. ئەمما ھازىر بولسا غەيرىي ئىدراكلىق رىقابەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئارقىدىنلا، سىز مائارىپتىن تارتىپ مۇھەببەتلىشىشكىچە بولغان بارلىق مەۋجۇداتنىڭ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

بەزىلەر تېخى يەسلىگە كىرمەي تۇرۇپلا، «قابىلىيەتلىك ئادەم» بولۇش يولىدا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشكە باشلىدى.

مەكتەپتە ئوقۇغاندا نەتىجىنى سېلىشتۇرۇش؛

مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغاندا ئائىلە نەسەبىنى سېلىشتۇرۇش؛

خىزمەتتە ئۈنۈمنى سېلىشتۇرۇش؛

...

يۇقىرى ئوقۇش تارىخى ۋە ئائىلە نەسەبى بولمىسا، ھەتتا بەزى قىز-يىگىتلەر كۆرۈشۈش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

ئىچكى رىقابەت قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى شۇكى، ھەتتا چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولۇشقا مەجبۇر بولۇش.

06

ئىشلەمچى

«تۇرمۇشتىكى %80 ئازابنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىشلەمچىلىك، لېكىن، ئەگەر ئىشلىمىسەم، %100 ئازابنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ پۇل بولماسلىقتىن بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئىشلەمچىلىك بىلەن پۇل بولماسلىقتىن، مەن ئىشلەمچىلىكنى تاللىدىم.»

ـــ «ئىشلەمچىلىك قىلىش خىتابنامىسى»دىن

«خىش توشۇغۇچى» ۋە «ئىجتىمائىي چارۋا»دىن كېيىن، «ئىشلەمچى» ئەمگەكچىلەرگە بېرىلگەن ئەڭ يېڭى نام بولۇپ قالدى.

مەيلى تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى بولسۇن ياكى ھەر خىل خىزمەت سورۇنىدىكى ئاق ياقىلىقلار بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ «ئىشلەمچى» دېگەن ئورتاق نامى بار.

滚蛋吧,2020

ئىشلەمچىلىكنى مەسخىرە قىلىدىغان ھەرخىل ئۈزۈندىلەرنىڭ ئارقىسىغا، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشى يوشۇرۇنغان ـــ پەقەت مەن ئاۋۋال تۈز يېتىۋالساملا، تۇرمۇش مەڭگۈ مېنى ياتقۇزۇۋېتەلمەيدۇ.

نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن ئىشلەمچىلەر رېئاللىقنى ئېنىق تونۇپ، ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى. بىراق، ئەتە ئەتىگەندە سائەت قوڭغۇرىقى سايرىغاندا، ئۇلار يەنىلا بىرلىشىپ ئىجارىگە ئالغان كىچىككىنە ئۆيىدىن چىقىشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ جىرىڭلىشىدىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى: كارتا ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ «كېچىكتى» دەپ پۇل تۇتقاندىكى ئاۋازىدۇر.

07

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى

بۇ يىل 10-ئاي ۋە 11-ئايدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاغدۇرۇلدى.

«ئامېرىكا زۇڭتۇڭى»دىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ترامپ بىلەن بايدېندىن ئىبارەت ئىككى بوۋاي يەڭلىرىنى شىمايلاپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. پۈتكۈل سايلام جەريانىنى مۇنداق ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئېگىز-پەس ۋە قالايمىقان.

滚蛋吧,2020

بولۇپمۇ 10-ئاينىڭ بېشىدا، ترامپنىڭ يۇقۇملىنىشى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. لېكىن، پەقەت ئۈچ كۈندىلا ئۇ يۇقۇم ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەچچە قېتىملىق تەتۈر ئايلىنىشى ھەتتا بىر مەيدان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇردى.

نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا دىققەت قىلىش جەريانىدا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ نامى ۋە ئىگىلەپ تۇرغان ئورنى توغرىسىدىكى جۇغراپىيەلىك بىلىملەرنىمۇ بىلىۋالدى.

تاكى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگە كەلگەندە، كۆپلىگەن تاراتقۇلار بايدېننىڭ ئالدى بىلەن 270 تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، 2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى، بۇ ئېلىشىشنىڭ ۋاقتىنچە ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

08

دىڭ جېن

ئالاقە تورى دەۋرىدە ھەممە ئادەم نام چىقىرىشنى ئويلايدۇ. ئەمما، پارتلاش خاراكتېرىدە تونۇلغان تور چولپانلىرى ئىچىدە، دىڭ جېن ئېنىقلا ئەڭ ئالاھىدە بىرى ھېسابلىنىدۇ:

باشقىلار تور چولپىنىغا ئايلانسا، بىۋاستە كۆرسىتىپ مال ساتىدۇ، ئەمما دىڭ جېن تور چولپىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى.

باشقىلار تور چولپىنىغا ئايلانسا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر نەپكە ئېرىشىدۇ، ئەمما دىڭ جېن تور چولپىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلكىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

دىڭ جېن سىچۇەن گەنزىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئوبراز ئەلچىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ياتاق ۋە ئايروپىلان بېلىتى سېتىلىش مىقدارى ھەسسىلەپ ئېشىپ، يۇرتى لىتاڭنىڭ توردا ئىزدىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %620كە يەتكەن.

نۇرغۇن كىشىلەر سىچۇەندىمۇ زاڭزۇ مىللىتىڭنىڭ بارلىقىنى، سىچۇەندىمۇ بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى. ھەتتا ھەر قايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك كاتتىلىرى «ئادەم بۇلاش»قا ئاتلىنىپ، بەس-بەستە دىڭ جېننى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

滚蛋吧,2020

دىڭ جېننىڭ بىر كېچىدىلا نام چىقىرىشى تاسادىپىيلىقتىن بولدى، ئەمما ئۇنىڭ داۋاملىق نام چىقىرىشى مەلۇم دەرىجىدە مۇقەررەر ئىدى.

ئۇنىڭ بۇنداق نام چىقىرىشىنى سىچۇەن لىتاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

دەل ئۇلارنىڭ دىڭ جېننى تاللىشى ھەمدە سەۋرچانلىق بىلەن يېتىلدۈرۈشى بىلەن، ھۆرىگۈلدەك بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىدىغان ئېقىم مىقدارى ئەمدىلىكتە قۇرىمايدىغان بىر ئېقىنغا ئايلانغان.

09

قايتا قوزغىلىش

يۇقۇم ئەھۋالى ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بۇ يىل نۇرغۇن ئىشلار بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش، قايتا قوزغىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. بىز ھەقىقەتەن تارىخقا يېزىلغۇدەك نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بۇ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلەر بىزنى ساغلاملىق، پۇل، خىزمەت قاتارلىقلار توغرىسىدا يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى.

ھازىر ئويلاپ باقساق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى خۇددى ئالدىنقى ئىككى ئايدا يۈز بەرگەن ئىشتەك قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە 2020-يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەن يېڭى يىلنى بۇنچىلىك دەرىجىدە ئارزۇ قىلىپ باقمىغان.

ئۆزۈمنى نامراتمىكىن دەي دېسەم، خىزمىتىم بار، ئۆزۈمنى ھورۇنمىكىن دەي دېسەم، ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ قايتىپ كېلىمەن، ئۆزۈمنى بايمىكىن دەي دېسەم، يانچۇقۇمدا پۇلۇم يوق، ئۆزۈمنى ئەخمەقمىكىن دەي دېسەم، ھەممە ئىشنى چۈشىنىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن يەنىلا ئىش ئويلىغان يەردىن چىقمايۋاتىدۇ...

شۇنداق دېيەلەيمەنكى 2020-يىلىدىكى مېنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجەم ــــ مەن تېخى ھايات!

يېڭى يىل، بىر يېپيېڭى باشلىنىش، خۇددى بىر كىتابتا يېڭى بىر بەت ئېچىلغانغا ئوخشاش. ھازىر مەن بۇ يىلقى قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىشقا تەقەززا بولۇپ كەتتىم. قىش يېتىپ كەلگەن ئىكەن، باھارمۇ يىراق ئەمەس.

مىڭ ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى 2020 ئەلۋەتتە مىڭ خىل بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ يىلقى ئونىنچى ھالقىلىق سۆزنى سىزگە تاپشۇردۇم.


分享到: