新闻详情

تۇنجى نۆۋەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچى»

发表时间:2021-01-01 23:15来源:qq.com


640-24.gif

640-59.png

3.jpg






دوڭ چىڭ(董卿) كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالاپەتلىك، چىرايلىق ئوبرازى، سالماق ھالىتى، كۈچلۈك سەھنە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۇنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسىگە ئايلاندۇردى، تاماشىبىنلار بىردەك ئۇنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى «بىرىنچى ئاچا» دەپ ئاتايدۇ.


12-ئاينىڭ 31-كۈنى كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچى» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بەي يەنسۇڭ، رېن لۇيۈ، لۇ جيەن، سا بېينىڭ قاتارلىق رىياسەتچىلەر تىزىملىككە كىردى، بۇ تىزىملىككە قارىتا نۇرغۇن تورداشلار بىرقەدەر ئىتراپ قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، ئاخىرىدا بەي يەنسۇڭ، سابېينىڭ قاتارلىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانت ئىگىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
بىراق بۇ تىزىملىكتە تورداشلار كۈتكەن دوڭ چىڭ يوق بولۇپ، شۇڭا تورداشلار تىزىملىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن: «نېمىشقا دوڭ چىڭ يوق؟ بۇ بەك تاساددىبىيلىقمۇ قانداق؟» دەپ سۆز قالدۇرۇشتى.


(بۇ تىزىملىككە كىرگەن رىياسەتچىلەر: ۋاڭ رۇيرۇي، بەن يەنسۇڭ، رېن لۇيۈ، ليۇ شىن، چېن ۋېيخۇڭ، خې خۇڭمېي، كاڭ خۇي، دوڭ چيەن، لۇ جىيەن، سا بېينىڭ قاتارلىقلار).

بۇ ئىشقا قارىتا، تورداشلار كەسكىن تالاش-تارتىش قىلدى، نۇرغۇن تورداشلار دوڭ چىڭنى بۇ تىزىملىككە كىرمىسە بولمايدۇ دەپ قارىدى، «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى ئاچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالدى.
مۇنازىرە قىلىشتىن باشقا بەزى تورداشلارنىڭ دۇڭ چىڭنىڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى.


تورداشلار دۇڭ چىڭنىڭ ئوغلىنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئۇنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچى» قاتارىغا كىرەلمەسلىكىدىكى ھالقىلىق ئامىل.
ئىلگىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى دۇڭ چىڭنىڭ ئوغلىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندا، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، دۇڭ چىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتىگە ئىگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆپ ساندىكى نومۇرلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان مەسىلەن، «دېكلاماتسىيە قىلغۇچى»(朗读者) «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»(开学第一课) قاتارلىقلار.



«ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» ناملىق پىروگراممىدا، دوڭ چىڭ قاتتىق كايىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «كۆپچىلىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئاسرىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ ئىشقا قارىتا، نۇرغۇن تورداشلار دۇڭ چىڭنى «ئېكراندا بىر خىل، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئادەم» دەپ مەسخىرە قىلغان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بەلكىم ھەقىقەتەن بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.


分享到: