新闻详情

بۈگۈندىن باشلاپ بۇ قائىدىلەر يولغا قويۇلدى

发表时间:2021-01-01 23:21作者:爱哭有来源:央视新闻

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




گىرىم بۇيۇملىرى ئېلانىدا داۋالاش رولى بارلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ!

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن پەرمانىنى ئىمزالىدى.«نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: چاچ بوياش، چاچ بۈدرە قىلىش، داغ يوقىتىپ ئاقارتىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە يېڭى ئۈنۈمى ئېلان قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرى ئالاھىدە گىرىم بۇيۇمى بولۇپ، رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ئالاھىدە گىرىم بۇيۇملىرىدىن باشقا گىرىم بۇيۇملىرى ئادەتتىكى گىرىم بۇيۇملىرى بولۇپ، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. گىرىم بۇيۇملىرى ئېلانىدا مەھسۇلاتنىڭ داۋالاش رولى بارلىقىنى ئېنىق ياكى يوشۇرۇن ئىپادىلەشكە، ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا، ئازدۇرۇشقا بولمايدۇ.

كارخانىلارنىڭ كېپىل بولۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ! كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تىزىملاش يولغا قويۇلىدۇ

2020-يىلى 14-دېكابىر گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تىزىملاش قارار قىلىندى. ئەسلىدە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، خام ماتېرىيال، يېرىم تەييار مەھسۇلات، مەھسۇلاتنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ۋە خەلق بانكىسى ئۈستىگە ئالغان ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش، شۇنىڭدەك ئامانەت پۇل تالونىنى رەنىگە قويۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىجارىگە بېرىش، كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى تىزىملاشنى خەلق بانكىسى بىرتۇتاش ئۈستىگە ئېلىپ، ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان 7×24 سائەتلىك پۈتۈن كۈنلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆچمە مۈلۈك ۋە ھوقۇق كېپىللىكى دەپ تىزىملانغان بولسا، قايتا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. يېڭى تىزىملىتىدىغانلىرىدا، ئالاقىدارلار كۆچمە مۈلۈك ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بىرتۇتاش تىزىملاپ ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا بېجىرىدۇ ھەمدە تىزىملاش مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە قانۇنلۇقلۇقىغا مەسئۇل بولىدۇ؛ تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك تەكشۈرمەيدۇ.

مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىدۇ!

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق، سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش، مۇھىت ئاسراش، ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈشى ياكى تۈزىتىشى كېرەك. بازارنى يېتەكلەش ئورنىغا ئىگە، ئاممىۋى خاسلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا مۇلازىمەت ئوبيېكتى بىلەن ئۇچۇر ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

راكقا قارشى دورىلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر دورىلىرىنىڭ خام ئەشياسى، ئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئېھتىياجلىق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ!

گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى «2021-يىللىق تاموژنا بېجىنى تەڭشەش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئېلىمىز 883 تۈرلۈك تاۋارغا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان ئىمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىمارلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2-تۈركۈمدىكى راكقا قارشى دورىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر دورىلىرىنىڭ خام ئەشياسى، ئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئېھتىياجلىق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، سۈنئىي يۈرەك كىلاپانى، ئاڭلاتقۇ قاتارلىق داۋالاش سايمانلىرى ۋە لاكتالبۇمىن، لاكتوفېررىن قاتارلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى خام ئەشيالىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

بۇ ئاپتوموبىللاردىن سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدۇ!

مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2021-يىلى 1-يانۋاردىن 2022-يىلى 31-دېكابىرغىچە، سېتىۋېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدۇ. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل، توكقا چاتىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «مۇقىم قۇرۇلما ئورنىتىلغان، توشۇشقا ئىشلىتىلمەيدىغان مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرىدىن سېتىۋېلىش بېجى ئالماسلىققا ئالاقىدار سىياسەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مۇقىم قۇرۇلما ئورنىتىلغان، توشۇشقا ئىشلىتىلمەيدىغان مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى مەخسۇس ئۈسكۈنە ياكى سايمانلار كەپشەرلەش، پەرچىنلەش ياكى بولتا بىلەن ئۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ مۇقىم ئورنىتىلغان، ئادەم ياكى يۈك توشۇشنى مەقسەت قىلماي مەخسۇس مەشغۇلاتقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.

كەسپىي دورىگەرلەرنىڭ «گۇۋاھنامىنى ئىجارە بېرىش» قىلمىشىغا زەربە بېرىلىدۇ، ئۇلار ئىناۋەت «قارا تىزىملىك»ىگە كىرگۈزۈلۈپ ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ!دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى «دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي دورىگەر سەپلەش ۋە ئىشلىتىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي دورىگەرلەر كەمچىل رايونلاردا، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ باشقا دورىگەرلىك تېخنىكا خادىملىرىنى كەسپىي دورىگەرلەر ئورنىغا سەپلەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشقا بولىدۇ، ئۆتكۈنچى مەزگىلى 2025-يىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، كەسپىي دورىگەرلەر (ياكى دورىگەرلىك تېخنىكا خادىملىرى)نى سەپلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان «گۇۋاھنامىنى ئىجارە بېرىش» قىلمىشى سادىر قىلغان كەسپىي دورىگەرلەرنى مەملىكەت بويىچە كەسپىي دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش، رويخەتكە ئالدۇرغان گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە ئۇنى قەتئىي ئاشكارىلاش كېرەك؛ يەنە «گۇۋاھنامىنى ئىجارە بېرىش» قىلمىشى سادىر قىلغان كەسپىي دورىگەرلەرنى ئىناۋەت باشقۇرۇش «قارا تىزىملىك»ىگە كىرگۈزۈپ، كۆپ تارماق بىرلىشىپ جازالاش كېرەك.

دۆلىتىمىز قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدۇ!

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئېلىمىز چېگراسى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرادىن كىرگۈزۈپ تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى خام ئەشيا قىلىشقا بولىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەستىقلاشنى توختىتىدۇ.

بۇ سۇ رايونلىرىدا سۇ جانلىقلىرىنى تۇتۇش 10 يىل مەنئى قىلىنىدۇ!

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى «چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق سۇ رايونلىرىدا سۇ جانلىقلىرىنى تۇتۇشنى مەنئى قىلىش ۋە كەسپىدىن چېكىنگەن بېلىقچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى، «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنى ۋە مۇھىم تارماق ئېقىنلىرى، ئۇلارغا تۇتاش چوڭ دەريا-كۆللەر (يەنى «بىر دەريا، ئىككى كۆل، يەتتە تارماق دەريا») قاتارلىق نۇقتىلىق سۇ رايونلىرىدا سۇ جانلىقلىرىنى تۇتۇشنى 10 يىل مەنئى قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 332 سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش رايونىنىڭ سۇ جانلىقلىرىنى تۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2021-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئۆي-ئىمارەت ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە بىلەن قەغەز گۇۋاھنامە ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى جەمئىيەتتىكى ئاممىنى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئۇچۇرىنى ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ دەلىللەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارماقلىرىغا قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت ھەمبەھرىلەپ، قۇرۇلۇش ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنىڭ رايون ھالقىپ تۇتۇشۇشىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.


分享到: