新闻详情

شىنجاڭ VS گۇاڭدوڭ مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2021-01-02 13:08作者:alkuyi.com来源:qq.com

640-24.gif

640-59.png

3.jpg



بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 19:35دىكى CBA دائىملىق مۇسابىقىىسىنىڭ 26-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇنداقتا مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۇ مۇسابىقىدە قايسى غەلىبە قىلىدۇ؟

بۇ ئىككى كوماندا تارىختا 73 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، گۇاڭدوڭ كوماندىسى 52 قېتىم غەلىبە قىلىپ 21 قېتىم مەغلۇپ بولغان، دائىملىق مۇسابىقىدە 39 قېتىم ئۇچراشقان، گۇاڭدوڭ كوماندىسى 27 قېتىم غەلىبە قىلىپ 12 قېتىم مەغلۇپ بولغان.

مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار: شىنجاڭ كوماندىسى VS گۇاڭدوڭ كوماندىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:35

مۇسابىقە ئورنى: جۇجى جىياڭ شۆيۈەنى تەنتەربىيە مەيدانى



ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا 103-98 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ گۇاڭدوڭ كوماندىسى بولسا 127-96 نەتىجىدە بېيكوڭ كوماندىسىنى مەغلۇ[ قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى زىڭ لىڭشۈ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە يارىلاندى، بۇ مۇداپىئە سېپى ئاجىز شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، ھازىر شىنجاڭ كوماندىسىدا تەجرىبىلىك بېكلاردىن پەقەت يۈ دېخاۋ بىلەن ليۇ لىپېڭلا قالدى. گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى جاۋ رۈي، خۇ مىڭشۈەن ۋە شۈ جيې قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپى چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدۇ.

سېلىشتۇرۇشقا قارىغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى ئىچكى سەپ جەھەتتە بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، موتېيۇناس ۋە جوۋ چىدىن تەركىب تاپقان «قوش مۇنار» ھەم ھۇجۇم ھەم مۇداپىئە خاراكتېرلىك، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىنىڭ ئاچقۇچى. ئابدۇسالام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. چى لىن بىلەن تاڭ سەييۈمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېز ھۇجۇم ۋە يىراقتىن توپ ئېتىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى برۇكس كەسپىي ھاياتىدا 5621 نومۇر ئېلىپ CBA بىرلەشمىسى تارىخىدا 38-ئورۇندا تۇرماقتا، يەنە تۆت نومۇر ئالسىلا 37-ئورۇندىكى سۇن جۈن بىلەن تەڭلىشىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يادروسى جوۋ چىنىڭمۇ سانلىق مەلۇمات جەھەتتە نىشانى بار، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 489 قېتىم توپ قېقىۋىتىپ CBA بىرلەشمىسى تارىخىدا 9-ئورۇندا تۇرماقتا، يەنە بەش قېتىم توپ قېقىۋەتسە 8-ئورۇندىكى يى لى بىلەن تەڭلىشىدۇ.


برۇكس ۋە ۋېمس VS جوۋ چى ۋە موتېيۇناس

ئالدىنقى قېتىم گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە جوۋ چىنىڭ ئىپادىسىتازا ياخشى بولمىدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۆز ھالىتىنى تەڭشەشكە مۇھتاج؛ موتېيۇناس ئالدىنقى قېتىم گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 28 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ھالىتىنى تولۇق نامايان قىلىشى، گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئىچكى مۇداپىئەسىنى ئېچىشقا تىرىشىشى، ھەمدە ھۇجۇمچىلارغا قارىتا ھوجۇم قىلىش بوشلۇقى ئېچىشى كېرەك.

گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ تاشقى سەپتىكى ماھىرلىرىنىڭ ئىپادىسى قاتىس، برۇكس بىلەن ۋېمىستىن ئىبارەت ئىككى چەتئەللىك ماھىرلار شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى ئاۋارە قىلالايدۇ، برۇكس بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە يراقتىن نومۇر ئېلىش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ۋېمىس بولسا تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىش ۋە گار ئاستىدا نومۇر ئېلىش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، شۇڭا بۇ ئىككى ماھىرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىلا، بۇ ئىككى كۈچلۈك كوماندىنىڭ رىقابىتىدە گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.


分享到: