新闻详情

يېڭىلىق:BMW تۆت يۈرۈشلۈكى

发表时间:2021-01-02 13:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى BMWنىڭ ئەڭ يېڭى 4 يۈرۈشلۈك Gran Coupeنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يول سىناق سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل 2021-يىلى 7-ئايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، 2021-يىلى ياكى 2022-يىلىنىڭ بېشىدا پۈتۈن يەر شارى بويىچە تاپشۇرۇلىدىكەن، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئاۋدى A5 Sportbackk بىلەن داۋاملىق رىقابەتلىشىدىكەن.

BMWنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يېڭى بىر ئەۋلاد تۆت يۈرۈشلۈك Gran Coupeنىڭ ئابونىتلىرى ئۈچ يۈرۈشلۈكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياشلاشقان بولۇپ، قوش ئىشىكلىك پىكاپقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۆت ئىشىك كۈچلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىككى يۈرۈشلۈك ۋە سەككىز يۈرۈشلۈك ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپى ئىچىدە، Gran Coupe ئاپتوموبىل تىپىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %69 ۋە %40كە يەتكەن، شۇڭا يېڭى بىر ئەۋلاد 4 يۈرۈشلۈك Gran Coupeنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنىلا 2.0Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم ـ ئايرىم 184 ئات كۈچى ۋە 252 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ئايرىم ـ ئايرىم 270 نيۇتون مېتىر ۋە 350 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە، 8 خوتلۇق قول ئاپتوماتىك خوت بىر گەۋدىلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش، يېڭى ئاپتوموبىلدا توكقا چاتىدىغان ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسى چىقىرىلمايدۇ، شۇنداقلا M4 Gran Coupe تىپى بارلىققا كەلمەيدۇ.


分享到: