新闻详情

ئىۋانكا تىرامپ ئائىلىۋى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2021-01-02 13:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




شۇ جاي ۋاقتى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىۋانكا تىرامپ ئالاقە تورىدا تىرامپ جەمەتىنىڭ «ئائىلىۋى سۈرىتى»نى ئېلان قىلدى، سۈرەتتە ئۇ ئۇچىسىغا سۈت رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، ئىككى بالىسى، يەنى توققۇز ياشلىق ئارابېللا (Arabella) ۋە سېئودور (Theodore)نىڭ مۈرىسىنى تۇتقان ھالدا زۇڭتۇڭ دادىسىنىڭ سول تەرىپىدە تۇرغان، يولدىشى كۇشنېر بولسا ئالتە ياشلىق جوسېف (Joseph)نىڭ مۈرىسىدىن تۇتقان ھالدا قېيىنئاتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغان. 74 ياشلىق تىرامپ ئوتتۇرىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گالىستۇك تاقاپ خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا تولىمۇ ئىشەنچ بىلەن كۈلگەن ھالدا ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك نەۋرىسىنىڭ كۈلۈشلىرىمۇ بوۋىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئىشەنچكە تولغان ئىدى.

ئىۋانكا بۇرۇن كىچىك ئوغلى بىلەن دادىسىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنىمۇ تورداشلارغا ھەمبەھرلىگەن بولۇپ، سېئودورمۇ بوۋىسىغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىدى. سېئودور تۇغۇلغان ۋاقىت دەل تىرامپ ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ دۇنياغا داڭلىق باي بولۇش سالاھىيىتىدىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ قالغان ئىدى.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرىكى روژدېتسىۋو بايرىمىدا، ئىۋانكا ئاقسارايدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرەتنى ھەمبەھرلىگەن بولۇپ، بۇ ئوخشاشلا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر (يولدىشى ۋە بالىلىرى دېمەكچى) ۋە دادىسى تىرامپ بىلەن چۈشكەن سۈرەت ئىدى. بۇ خىل ئائىلىۋى سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلىنى پەقەت ئىۋانكالا ئويلىشى مۇمكىن. بۇ سۈرەت تورغا يوللانغاندىن كېيىن، تورداشلار «ئىۋانكا ئاقسارايغا قىيالمايۋېتىپتۇ» دەپ باھا بېرىشتى. يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا «ئىۋانكا ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاقسارايغا يەنە قايتىپ كېلىدۇ» دەپ قاراشتى.

كىچىك دونالد تىرامپنىڭ 43 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، ئىۋانكا ئالاقە تورىدا بىر قانچە پارچە سۈرەتنى يوللاش ئارقىلىق ئاكىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە قارغا ئېتىش مەيدانىدا چۈشكەن، بىللە بېلىق تۇتقاندا چۈشكەن ۋە يىغىلىشقا قاتناشقاندا چۈشكەن سۈرەتلەر بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىۋانكا ئاكىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى نامايان قىلغان. كىچىك دونالد تىرامپ گەرچە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولسىمۇ، بىراق سىياسىي ساھەدىكى نوپۇزى يەنىلا ئىۋانكاغا يەتمەيدۇ، بۇمۇ بەلكىم ئۇنىڭ دادىسىغا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى بولالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كىچىك دونالد تىرامپقا سېلىشتۇرغاندا، ئىۋانكانىڭ كاللىسى تېخىمۇ ئوچۇق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىقتىدارى تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئىكەن.


分享到: