新闻详情

شاھرۇھ خان مەستانىلىرىگە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

发表时间:2021-01-02 17:54作者:爱酷艺来源:baidu

640-24.gif

640-59.png

3.jpg






شاھرۇھ خان شەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان بىر قىزىقارلىق سىندا مەستانىلىرىگە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. سىن كۆرۈنۈشىدە ئۇ بىر چوڭ ئىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن بۇ سىن كۆرۈنۈشى توردا تارقىلىپ، ئۇنىڭ مەستانىلىرىنى بەكلا ھاياجانغا سالدى. بۇ ئارتىس ئىلگىرى مەستانىلىرىنىڭ 2021ـ يىلى ئۇنىڭ ئېكرانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈشىگە ۋەدە بېرىپ: «2021ـ يىلى بىز چوڭ ئېكراندا كۆرۈشەيلى» دېگەن.

شاھرۇھ خان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن، مەستانىلەر بەس-بەستە سۆز قالدۇردى، بۇنىڭ بىلەن شاھرۇھ خاننىڭ پات ئارىدا قويۇلىدىغان «پاتان» (Pathan) ناملىق كىنوسىنىڭ تەقەززالىق دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

شاھرۇھ خان مەستانىلەر بىلەن يېڭى يىللىق ئارزۇسىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، بىر ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرغاندا، ياخشى ئىش مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەش، تېخىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەش، تېخىمۇ ياخشى جايغا بېرىش. شۇڭا 2020-يىلى مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتۈپ كەتتى، ئىشىنىمەنكى 2021-يىلى ھەممىمىزگە نىسبەتەن تېخىمۇ يورۇق، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ياخشى بىر يىل بولىدۇ. ئائىلىڭىزدىكىلەر، دوستىڭىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولۇش ھەقىقىي خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ.»

بۇلتۇر 12ـ ئايدا شاھرۇھ خاننىڭ ئاق مايكا ۋە قارا ئىشتان كىيىپ، ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغانلىقى سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ «پاتان» دىكى بۇ ئوبرازى توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. شاھرۇھ خان 2018ـ يىلى قويۇلغان «نۆل» ناملىق كىنوسى بېلەت كىرىمىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككى يىل دەم ئالدى.


分享到: