新闻详情

پۇل بولمىسا زادى قانداق بولىدۇ؟

发表时间:2021-01-02 21:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




پۇل ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، لېكىن پۇل بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇقۇمنى ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ «نامراتلىق تەپەككۇرۇمنى بوغۇپ قويدى» دېگەندەك سۆزلەر مودا بولماقتا. مائاشلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا پۇل تۇرمۇشتا %90تىن ئارتۇق مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ (بەزىلىرىمىزگە نىسبەتەن %99 مەسىلىنى ھەل قىلىشىمۇ مۇمكىن-تەرجىماندىن)، نۇرغۇن كىشىلەر پۇلى بولمىغانلىقتىن بىئارام بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. تاماق يېيىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئۆي قەرزى بېرىش، بالىلارنى تەربىيەلەش، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى، سۆزلىشىش ھەققى، سۇ، توك، يېقىلغۇ، گاز پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك، ھەپتىلىك ۋە ئايلىق تۇرمۇش پىلانى يوق، بولسىمۇ بەكلا يۈزەكى ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولۇپ، ھەر كۈنى تاپقان پۇلىنى ئۇدۇللۇق قالايمىقان خەجلەپلا تۈگىتىدۇ. بەزىلەرنىڭ بولسا چىقىمى كىرىمىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆپىنچە ھاللاردا «ئۆيدىكى ھېسابات بازارغا توغرا كەلمەي قالىدۇ»، پەقەتلا كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكنى تېجەپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىرەر نۆۋەت چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ قويسىلا ئاقىۋەت يانچۇقتىكى بار دەسمى «غالتەككە چىقىپ» قالىدۇ.

ئەمما ئىقتىسادىي ئاساسى پۇختا ئادەملەر ئىستېمال جەريانىدا ھەر قانداق نەرسىنى بەك ئۇزۇن ئويلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، پەقەت باھاسى ئۆزى ئۈستىگە ئالالايدىغان دائىرە ئىچىدە ھەمدە سېتىۋېلىشنى خالىسىلا دەرھال سېتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ئانچە كۆپ قەرزى يوق، تۇرمۇشتا ئۇنچە كۆپ بېسىممۇ ھېس قىلمايدۇ، غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى تېخىمۇ يوق دېيەرلىك. ئەگەر بىر ئادەم ئۇزۇن مۇددەت پۇل كەمچىل ھالەتتە ئۆتسە، ئۇنىڭدا بۇ ئۈچ خىل ئادەت تەبىئىيلا شەكىللىنىدۇ ھەمدە كۆپ ھاللاردا بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

1. باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەندە «ياق» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەسلىك

نۇرغۇن ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلە ئايالى بولۇپ ئۆتىدۇ، ھەر كۈنى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، تازىلىق قىلىدۇ، تاماق ئېتىدۇ، كىر يۇيىدۇ دېگەندەك... ئىشلىمىگەچكە مائاشى يوق، ئۆيىدە بىر پۇڭ پۇل خەجلىسىمۇ ئېرىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. خىزمىتى بار بەزى ئاياللار ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلىسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بىر تىيىنمۇ پۇل يىغالمايدۇ ھەتتا بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنىمۇ يۈرەكلىك سېتىۋالالمايدۇ (باشتىن كەچۈرۈپ باققانلار ئۈچۈن بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس). سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولسا، ئۇ ياققا قارىسا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق، بۇ ياققا قارىسا ھەر كۈنى يولدىشىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان گەپ.

ئادەم پۇلدىن قىسىلغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن دوستلىرى بىلەن بىللە بولغاندا باشقىلار نېمە دېسۇن، قەيەرگە بارسۇن سىز كۆپىنچە «ياق، بولدى» دېگەن سۆزنى تەكرار ئىشلىتىسىز، ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيسىز. كۆڭۈل ئېچىشقا، تۈرلۈك سورۇنلاردا پۇل خەجلەشكە جۈرئەت قىلالمايسىز، بۇنداق كۈنلەر ناھايىتى ئازابلىق.

2. پۇل خەجلەشتە كۆپ ئويلىنىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ

ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى كۆرگەندە بىۋاستە سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەر قېتىم ئۇزاق ئويلىنىپ ئۆزىنىڭ قولىدا قانچىلىك پۇل بارلىقىنى ھېسابلاپ، پۈتۈن بىر ئايلىق ئائىلە چىقىم پىلانىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ يوق دەڭسەپ كۆرىدۇ. ئەگەر جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملار بولسا چىشىنى چىشلەپ سېتىۋالىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا كېيىنگە قالدۇرۇپ سېتىۋالمايدۇ. ئىستېمالدا بىر مو، بىر يۈەندىن ھېساپلايدۇ، پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى توختىماي ئويلىنىپ ھەتتا ياخشى كۆرگەن نەرسىنىمۇ سېتىۋېلىشى ناتايىن (بۇنى ئەلۋەتتە شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ، تۇغما پىخسىق خاراكتېر باشقا-تەرجىماندىن).

بەزىدە ئۆزى يالغۇز ئۈن ـ تىنسىز ياش تۆكۈشى مۇمكىن، بۇ خىل ئاچچىق تەمنى پەقەت ئۆزىلا تېتىيدۇ.


3. ئالدىراپ ھېسابات قىلمايدۇ

دوستلار ۋە خىزمەتداشلار ئارا يىغىلىش قىلىش ناھايىتى نورمال ئىش، لېكىن بەزى كىشىلەر ئادەتتە ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىيۇ، ئەمما يىغىلىشقا قاتنىشىشنى خالىمايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ يا مۇھىم ئىشى بار، يا بولمىسا پۇلى يوق، «ئوشۇقچە» پۇل خەجلەشنى خالىمايدۇ. ئۇلار تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ رەت قىلىدۇ، ئەمما ئارقىسىدىكى دەردنى ئۆزى بىلىدۇ. يانچۇقىغا تارتىشىپ سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار دوستلىرى بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن پۇل سەۋەبلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ بېسىمىنىڭ بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەردە ئادىمگەرچىلىك يوق ئەمەس، پەقەتلا پۇل كەمچىل.

بۇ خىلدىكى پۇل كەمچىل بولىۋاتقان ئادەملەرنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. پۇلى بار ئادەم ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ، پۇلى يوق ئادەم ھەر خىل ئوڭايسىز ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىمىز تىرىشساقلا ساقلانغىلى بولىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىماسلىق ھەمدە بۇنىڭدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىڭ.

مەن بۇ ماقالىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلگۈسىدە پۇلى بولۇشىنى، 2021-يىلى كۆپ پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


分享到: