新闻详情

Windows 10 ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللايدىكەن

发表时间:2021-01-02 21:25作者:爱酷艺来源:腾讯


640-24.gif

640-59.png

3.jpg





يېقىندا macOS 11 ۋە M1 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، macOS 11 (ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىسىتېمىسى) iOS (كۆچمە مەشغۇلات سىسىتېمىسى) ئەپلىرىنى ئىجرا قىلىشنى قوللايدىغان بولدى.

ئەمەلىيەتتە كۆچمە سۇپا بىلەن ئۈستۈل يۈزى سۇپىسىنى تۇتاشتۇرغىنى پەقەت ئالما بىرلا شىركەت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما بۇ جەھەتتىكى باشلامچىمۇ سانىلالمايدۇ. ئالمىدىن بۇرۇن مىكروسوفت بۇنىڭغا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان، ئەمما مىكروسوفتنىڭ تىرىشچانلىقىغا تۇشلۇق ئابۇنىتلارنىڭ ياخشى باھاغا ئىرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن WPنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، UWP ئەپلىرىمۇ مودا ئېقىمغا ئايلىنالمىدى.

ئەمما مىكروسوفت يەنىلا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق خەۋەر تارقالدى: مىكروسوفت 2021-يىلى Windows 10غا ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللاتقۇزۇشنى ئەستايىدىل ئويلىنىۋېتىپتۇ.

ئالدى بىلەن جەزملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، Windows 10غا ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللاتقۇزۇش توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىك كېلىش مەنبەسى بار. Windows Centralنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تۈر مىكروسوفتنىڭ ئىچكى قىسمىدا Latte دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ تۈر پىروگراممېرلارنىڭ ئاندرويىد ئەپلىرىنى Windows 10غا ئېلىپ كىرىشىگە يول قويىدىكەن، كودنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. Windows 10نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاندرويىد بالا سىستېمىسى بار بولۇپ، ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

تېخنىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Windows 10غا ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللاتقۇزۇشنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە Windows 10نىڭ ئاندرويىد ئەپلىرىنى قوللىشى Windows 10نىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. شۇڭا بۇنى ناھايىتى قىزىقارلىق ھەمدە ئەھمىيىتى زور ئىش دېيىشكە بولىدۇ.


分享到: