新闻详情

ئۈندىدارنىڭ يېڭى ئىقتىدارى: بىر-بىرىمىزنى تەڭ يۇيۇۋېتەيلى

发表时间:2021-01-02 21:34作者:爱酷艺来源:爱酷艺网

640-24.gif

640-59.png

3.jpg


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنداق بىر تېمىنى كۆردۈم: ئالدىنقى مۇھەببىتىڭىز يۇيۇۋەتكەندە قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟ ئەڭ كۆپ ئالقىشلانغان بىر ئىنكاس مۇنداق: «نېمە ئۈچۈن ئۈندىداردا QQغا ئوخشاش پەقەت بىر تەرەپ ئۆچۈرۈۋەتسە، يەنە بىر تەرەپمۇ ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ كېتىدىغان قوش يۆنىلىشلىك ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ؟»

بۇنداق بولغاندا سىز مېنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كېيىن، سىز بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقمايمەن، يەنە سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى زىيارەت قىلغۇم كېلىپ كەتمەيدۇ. بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېچىپ بەردى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىداردىكى «قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ئۆچۈرۈش» يېڭى ئىقتىدارىنىڭ تېزراق چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مىكرو بىلوگدىكى بېلەت تاشلاشتا، %60كە يېقىن ئادەم بېلەت تاشلاپ بۇ ئىقتىدارنى تاللىغان. بىر تورداش باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «يېڭى ئىقتىدار چىققاندا، سىزنى راستىنلا ئۆچۈرۈۋەتسەم بولامدۇ؟»

ئۈندىدارىڭىزدا چوقۇم مۇنداق بىر ئادەم بار: سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭىز قالمىغان، لېكىن ئۇنى يۇيۇۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيمايدىغان. سىز يەنىلا ئۇنى ئەسلەپ تۇرىسىز، ئاڭسىز ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئېچىپ، بۇرۇنقى پاراڭنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىسىز. سىزنىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىڭىز بار، تەھرىرلەپ بولۇپ، يەنە بىر-بىرلەپ ئۆچۈرۈۋېتىپ، دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى كېچىگە قالدۇرۇپ قويىسىز. چۈنكى سىز بىلىسىز، سىز بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ يېقىن دوستى ئەمەس.

دوستلار چەمبىرىكىدە تىنچ يۈرسىڭىزمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىشىڭىز بىلەنلا، مىڭ تەسلىكتە تىكلىگەن ئىززەت ھۆرمىتىڭىز ۋە سوغۇققانلىقىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. سىز دوستلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشىنىسىز، ئۇنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە تورى نومۇرىنى ئوغرىلىقچە كۆرىسىز. لېكىن سىزنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭغا «مەن سىزنى سېغىندىم» دەيدىغان پۇرسىتىڭىز يوق. چۈنكى سىز بىلىسىز، سىلەرنى سامانيولى ئايرىپ تۇرىدۇ.

تاكى سىز باشقا دوستلىرىڭىزدىن ئۇنىڭ يېڭى مەشۇقى بارلىقىنى بىلگۈچە. شۇ دەقىقىدە سىزمۇ ئاخىرى چۈشىنىسىز، سىلەر ئەمدى مۇمكىن بولمايسىلەر. سىز ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، بۇ ئۈندىداردىكى دوست ئەمەس ئادەمنى يۇيۇۋەتتىڭىز. ئۇنى يۇيۇۋەتكەن ئاخشىمى ئۇيقۇسىز قالدىڭىز، كاللىڭىزدا ئۆتكەن ھەر خىل ئەسلىمىلەر بار. ئەسلىدە ياخشى كۆرگەن ئادەمنى يۇيۇۋەتسە بۇنداق ئازابلىنىدىغانلىقى شۇ چاغدا ھېس قىلىپ يېتىسىز.

بىر مەيدان ياخشى كۆرۈش ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا ئۆچۈرۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بۇنداق ئىچ ئاغرىتىشنى مەن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئالدىنقى مۇھەببىتىم بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن كۈنى، مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «سىز كېتىڭ» دېدىم. ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى، مەن ئۇ بۇرۇلغان شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى يوقىتىپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئايرىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبى: «ھېرىپ كەتتىم» دېگەندىن ئىبارەت. ھاردىڭىزمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا مېنى قوغلاشقاندا نېمىشقا ھارغىنلىق ھېس قىلمايسىز؟

يېڭى بىللە بولغاندا، ئۇ ماڭا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى نېمە ئىش قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر ماڭا ھەمراھ بولاتتى. ئۈندىداردا سېكۇنتتا ئۇچۇر قايتۇرۇپ، تېلېفون قىلىپ بولغۇچە ئالاتتى. ئەسلەتمىدە مېنىڭ ھەر خىل قىزىقىشىم، ھەتتا فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلىممۇ ئېنىق ئېسىدە بار ئىدى. ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان كۈنى، ئۇ: «بىز مەڭگۈ بىللە بولىمىز» دېدى. لېكىن ئايرىلىپ كەتكەن كۈنى ئۇ: «ھېرىپ كەتتىم» دېدى. مەڭگۈ زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟ ئىلگىرى مەڭگۈلۈك دېگەن ئادەم ئەڭ ئاۋۋال قېچىپ كەتتى.

بۇ ھېسسىياتنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاشنى قارار قىلغان كۈنى، مەن ئالدىنقى مۇھەببىتىمگە ئۈندىداردا خەت يازدىم. ئەسكەرتىش كۆرۈندى، بۇ قارشى تەرەپنى قوشۇشنى تەلەپ قىلىش ئەسكەرتمىسى ئىدى. شۇ دەقىقىدە، مەن پۈتۈنلەي چۈشەندىم، ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن ئادەم، راستىنلا كەينىگە قاراپمۇ قويمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى دوستلار تىزىملىكىمدىن يۇۋەتتىم، بىر ئادەمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشىمۇ ھەقىقىي بولىدىكەن، ياخشى كۆرمەسلىكىمۇ ھەقىقىي بولىدىكەن. ئەينى چاغدا قانچىلىك كۆپ قەسەم قىلغان بولسا، ھازىر شۇنچە تېز كېتىدىكەن. ياخشى كۆرۈشۈپ ئاخىرىدا ئۈندىداردىكى دوستلاردىنمۇ ئەمەس بولۇپ قالدۇق.

ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپ بار ئىدى: دېڭىز ئاستىدىكى ئاي ئاسماندىكى ئاي، كۆز ئالدىدىكى ئادەم كۆڭلىدىكى ئادەم. كېيىن دېڭىز ئاستىدىن ئاينى سۈزىۋالغىلى بولمايدىغانلىقى، دىلدارغا يېتىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداق، ھەممە ياخشى كۆرۈپ، يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن بىلىدۇ: ئۇ مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى نورمال ھالەت. ھېسسىيات ئەنە شۇنداق: سىزگە ھەمراھ بولۇپ مەست بولۇپ قالغان ئادەم، سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشقا ئامالسىز.

ھېسسىيات بەلكىم مۇشۇنداق رەھىمسىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىر يولدىكى ئادەم بولمىسا، مەجبۇرلىغاننىڭ پايدىسى يوق. ئىلگىرى بىرەيلەن مەندىن «ئايرىلىپ كەتسەم، بۇرۇنقى لايىقىمنىڭ ئۈندىدارىنى ساقلاپ قالارمەنمۇ» دەپ سورىغانىدى. مەن ئۇنداق بولمايدۇ، دېدىم. «ئۇ ئادەم مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ» دەپ سورىدى. مەن ئىلگىرى ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ ئادەمنىڭ ئۈندىدارىنى ساقلاپ قالمايمەن، دېدىم. چۈنكى مەن ئۇنى ئويلاپلا قالماي، يەنە تېخى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يولسىزلىق قىلىپ قويۇشتىنمۇ قورقىمەن.

ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئۆتمۈشنى ئەسلەشتىن تېخىمۇ قورقىمەن. مېنىڭچە، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە بەلكىم مۇشۇنداق بىر ئادەم يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئادەمنى سىز ياخشى كۆرگەن، تىرىشقان، تىركىشىپ باققان. ئەڭ ئاخىرىدا بىرگە بولالمىغان ئادەم. بەزىدە، سىز ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا ۋاز كەچمىگەن بولساق، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالىسىز. يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كىشىلەر توپىدىن ئۆتۈپ كېتەلەمدۇق؟ ئەينى چاغدا دېيىشكەندەك، مەن سىزگە بىر ئۆمۈر تىلىسەم، سىز مېنىڭ ھالىمدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالالامسىز؟ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مېنىڭ ھايات-ماماتقا قارىماي سىزنى ئىزدەپ بارىدىغان پۇرسىتىم يوق.

ئەمدى يېرىم كېچىدە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان سەۋەب يوق. ئاۋارە قىلمايمەن، ئەمدى كۆرۈشمەيمەن، كەينىمگە قايتمايمەن، سېغىنمايمەن. بۇ مېنىڭ سىزگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى مۇلايىملىقىم.


分享到: