新闻详情

گۇاڭدۇڭدىمۇ بايقالدى

发表时间:2021-01-03 12:34作者:爱酷艺来源:央视

640-24.gif

640-59.png

3.jpg



بۇ بىمار ئەنگلىيە چېگراسىدىن كىرگەندە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلغان بولۇپ، ئەر، 18 ياش، جۇڭگولۇق، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.


ئەنگلىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىر قىسىم بىمارلاردىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئانالىزىنى كۈچەيتكەن ھەمدە بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇيانقى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى قايتا گېن تەرتىپى بويىچە ئۆلچەپ ئانالىز قىلدى. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەنگلىيەدىن كىرگەن بىر يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ يۇتقۇنچاق پەلكۈچ ئەۋرىشكىسىدىن B1.1.7 تىپلىق ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنى بايقىدى، بۇ يېقىندا ئەنگلىيەدە خەۋەر قىلىنغان تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

图片

بۇ بىمار ئەنگلىيە چېگراسىدىن يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان خادىملار قاتارىدا جۇڭگوغا كىرگەن، ئەر، 18 ياش، جۇڭگولۇق، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە چېگراسىدىن گۇاڭجۇغا كىرگەن، چېگرادىن كىرگەندە ئۇنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسى نەتىجىسى مەنپىي چىققان. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئايرىش نۇقتىسى ئەۋرىشكە ئېلىپ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت چىققان ھەم گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئايرىپ داۋالىتىلغاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. كىلىنىكىلىق يېنىك تىپتىكى بىمار دەپ ئايرىلغان، نۆۋەتتە يەنىلا گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەركەزلىك تېببىي ئايرىش نۇقتىسىدا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8-خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئېلىنغان يۇتقۇنچاق پەلكۈچ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلغاندا، B1.1.7 تىپلىق تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەسكەرتتى. 1-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۆلچەش تەرتىپى بويىچە قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، بۇ بىمارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىكى ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى B1.1.7 كەنجى تىپقا تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ھازىر ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل B1.1.7 تىپلىق ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ تارقىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، لېكىن بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى، ئېغىر كېسەل بولۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، نۆۋەتتە تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنا يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىياگنوز قويۇش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش رېئاكتىپى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قورقۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانا ۋە ئايرىش ئورۇنلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايرىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ ئۆزگەرگەن تۈپنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە داۋاملىق تارقالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

图片


图片





来源:中央广播电视总台

审稿:古力巴哈

翻译,制作米克丽古丽




素材1.jpg

分享到: