新闻详情

دىققەت! يەنە 24 بىمار كۆپەيدى

发表时间:2021-01-03 12:41作者:爱酷艺来源:央视新闻

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




2-يانۋار سائەت 0 دىن 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 24. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 16 (شاڭخەيدە 6، فۇجيەندە 2، گۇاڭدۇڭدا 2، شەنشىدە 2، بېيجىڭدا 1، تيەنجىندە 1، ئىچكى موڭغۇلدا 1،لياۋنىڭدا 1)، يەرلىك بىمار 8 (خېيلۇڭجياڭدا 4، لياۋنىڭدا 2، بېيجىڭدا 1، خېبېيدا 1)؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن قازا قىلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن گۇمانىي بىمار يوق.

图片

图片

شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 12، تېببىي كۆزىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 960 بولۇپ، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكىدىن 1ى ئازايغان.

ھازىرغا قەدەر چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 279301 (كېسىلى ئېغىر بىمار 3) ، ھازىر بار بولغان گۇمانىي بىمار 1. جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 4303، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 4024، قازا قىلغانلار يوق.

1-يانۋار سائەت 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 395 (بۇنىڭ ئىچىدە كېسىلى ئېغىر بىمار 9)، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار جەمئىي   82 مىڭ 88، قازا قىلغان بىمار   جەمئىي 4634، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 87 مىڭ 117، گۇمانىي بىمار 1. ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار جەمئىي 907 مىڭ 460، 14مىڭ 175 قويۇق ئۇچراشقۇچى تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 8 (بىردەك چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 5 (بىردەك چېگرا سىرتىدىن كىرگەن)؛ شۇ كۈنى 14 بىمارنىڭ تېببىي كۆزىتىشى بىكار قىلىندى (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 11)؛ ھازىرغىچە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 269 (چېگرا سىرتىدىن كىرگىنى 225).

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 9777. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 8923 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 7968، قازا قىلغىنى 150)، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 46 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 46)، تەيۋەن رايونىدا 808 (دوختۇرخانىدىن چىققىنى 686،   قازا قىلغىنى 7).




来源:新疆广播电视台

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:张伟

翻译:阿丽米热

素材1.jpg

WWW.Alkuyi.Com


分享到: