新闻详情

بۇ جايدا ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق

发表时间:2021-01-03 13:09作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg





ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى، خېيخې شەھىرى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قوماندانلىق ئىشتابى خېيخې شەھەر رايونىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسىلارنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خېيخې شەھەر رايونىدىكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خادىملارنىڭ يۆتكىلىپ توپلىنىشىنى ئازايتىش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن توسۇش، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خېيخې شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى تەتقىق قىلىپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شەھەر ئىچىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى، كونكرېت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.


分享到: