新闻详情

نېمىشقا تۇيۇقسىز راك كېسىلى دىياگنوزى قويۇلىدۇ؟

发表时间:2021-01-03 15:14作者:ئەلكۈيى تورق来源:تېڭشۈن تورى

ېمە ئۈچۈن بەدىنى كۈچلۈك كىشىلەرگە تۇيۇقسىز راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ تېنى ئاجىزلار ئەكسىچە ئۇنداق بولمايدۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي.

چيەن ئەپەندىگە تۇيۇقسىز راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، بۇ خەۋەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى چيەن ئەپەندى ئادەتتە ساق-سالامەت، نەچچە يىلدىن بېرى بىرەر قېتىم كېسەل بولۇپ باقمىغان تۇرسا، نېمىشقا تۇيۇقسىز راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن چيەن ئەپەندىگە ئوخشاش تېنى كۈچلۈك بىمارلارغا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، بەزى تېنى ئاجىز، كېسەلچان بىمارلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟

1. نېمە ئۈچۈن قاۋۇل كىشىلەرگە تۇيۇقسىز راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ؟

راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى كۆپ ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە راك پەيدا قىلغۇچى ئامىل ۋە راكنى تىزگىنلىگۈچى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېن بىنورماللىقى، ئاناتومىيەلىك بىنورماللىق قاتارلىقلار بار. بۇ راك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل ئەمەس، باشقا ئامىللارغىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك. بەزى ئادەملەرنىڭ قارىماققا سالامەتلىكى ياخشى، لېكىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ياخشى ئەمەس.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان چۈشەنچىسى بولسا ياخشى يېيىش، ياخشى ئۇخلاش، روھلۇق بولۇش قاتارلىقلار. ئەمما بۇ ياخشى ئىپادىلەر پەقەت ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى، كەيپىياتى ياخشى، ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك بولمىسىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتى ياخشى بولۇشى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا بەدەننىڭ ياخشى بولماسلىقى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

كېسەل بولمايدىغان ياكى ناھايىتى ئاز كېسەل بولىدىغان كىشىلەردە بەلكىم «كېسەل»نىڭ يوشۇرۇن خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ راك كېسىلى. مەسىلەن، HPV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئون نەچچە يىلدىن كېيىن بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ مەزگىلدە بىمارلار بەدىنىدە ھېچقانداق نورمالسىزلىقنى ھېس قىلالمايدۇ، بايقىيالمايدۇ، ئەمما تەكشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن «سالامەتلىكى ياخشى» كىشىلەر توپى تەۋە دەپ قارىلىدۇ.

گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان راك كېسىلى

ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق راكلاردا راك ئالدىدىكى كېسەللىكلەر (تۈگۈنچە، مونچاق گۆش قاتارلىق راك ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى) بولمايدۇ، شۇڭا ئاسانلا «سالامەتلىك ياخشى بولسا قانداقسىگە تۇيۇقسىز راك پەيدا بولىدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ.

گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان راك كېسىلى

ھۈجەيرىنىڭ فۇنكسىيەسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھالدا يامان سۈپەتلىك ئۆسۈپ بۆلۈنۈش پەيدا بولغاندا، بۇ ھۈجەيرىنىڭ گېنىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

2. كىشىلەرنىڭ تۆت چوڭ ھەرىكىتى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

(1). تاماكا چېكىش

(2) ھاراق ئىچىش

(3)تۈنەش

(4). يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتسىز بولۇش

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئىنتايىن تەرتىپسىز بولۇپ، دائىم ئاچ-توق يۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېگەن تامىقى ساغلام ئەمەس ۋە ئوزۇقلۇق كەمچىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنەش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى قوشۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى راك كېسىلىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھەرىكىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا كۆپچىلىك ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى، راك كېسىلىدىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇشىغا ئىشىنىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنى بەدەن ساپاسى ياخشى دەپ قاراپ، قەرەللىك تەكشۈرتمەسلىك، راك كېسىلىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىك. راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى بايقاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش، سالامەتلىكىنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


分享到: