新闻详情

تىرامپ جەمەتىنىڭ بايلىققا ئېرىشىش سىرى

发表时间:2021-01-03 15:15作者:爱酷艺来源:baidu

640-24.gif

640-59.png

3.jpg





图片

1885-يىلى 16 ياشلىق فرېدرىخ تىرامپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، يىللار ئۆتۈپ كەلگۈسىدە ئوغلىنىڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك ماگناتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، نەۋرىسىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى. ئۇ ئامېرىكىغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرغاندا كۆڭلىدە پەقەت پۇل تېپىش ئويىلا بار ئىدى.

ئۇ چاغدا ئامېرىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن نامراتلار ئامېرىكىغا كېلىپ« ئارزۇسىغا يىتىشنى ئويلايتتى، فرېدرىخ تىرامپ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

فىرىدرىخ گېرمانىيەدىكى بىر كىچىك كەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسى ھاراق ئېچىتىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇ ئۆينىڭ كىچىكى ئىدى. ئىلگىرى ئائىلە ئەھۋالى خېلى باياشات بولغان بولسىمۇ كېيىن ۋەزىيەت داۋالغۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بارغانسېرى قىيىنلىشىپ، ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان.

فىرىدرىخ يۇرتىدا نامرات يۈرگەندىن كۆرە، سىرتلارغا چىقىپ جاھاندارچىلىق قىلغان ياخشى دەپ قاراپ، ئۇتۇق قازانمىغۇچە يۇرتىغا قايتماسلىقتەك بىر ئىرادىنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكىنىڭ مانخاتتونغا كەلگەن. يېڭىدىن كەلگەن چاغلىرىدا فرېدرىخ ترامپ مانخاتتان كوچىلىرىنى ئۈچ كۈن ئايلىنىپ، ئاخىرى كوچا بويىغا ئۈستى ئوچۇق ساتىراشخانا ئاچقان.

图片

فرىدرىخنىڭ ساتىراشخانىسى مانخاتتوندىكى ئەڭ نامرات كوچىدا ئىدى، گەرچە ئۇ نامراتلار مەھەللىسىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇلۇغۋار بىر نىشانى بار ئىدى. ئۇ مانخاتتاندا نەچچە يىل ئىشلەپ، ئازراق پۇل تېپىپ، سېئاتلغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

ئۇ چاغدا سېئاتلنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇرۇش-تالاش ۋە بۇلاڭچىلىق يۈز بېرەتتى.فىرىدرىخ بۇ يەرنىڭ گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاۋات ئىكەنلىكىنى، ھەممىلا يەردە سودىسى ئىتتىك ئاشخانا ۋە شاھماتخانا بارلىقىنى بايقىغان.فرىدرىخ داۋاملىق ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۇلى ياخشى يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىشقا يەتمەيتتى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئىككى ئاشپەز ياللاپ، سېئاتلنىڭ ئەڭ قالايمىقان يېرىدە بىر ئاشخانا ئاچتى.

دەسلەپتە كۈنلەر ناھايىتى تەستە ئۆتكەن ھامان مېھمانلار كېلىپ قۇسۇر ئىزدىگەن تېخى بەزىدە، ئاشپەزلەر بىلەن ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن مۇشتلىشىپ ئاغزى-بۇرنى قان بۇلۇپ كەتكەن. ئەمما زېرەك فىرىدرىخ ئاشخانىنىڭ تىجارىتىنى تېزلا جانلاندۇرغان، ئۇ مۇشۇ ئاشپۇزۇلغا تايىنىپ تۇنجى بايلىق توپلىغان. لېكىن ئاشخانا ئىككى يىل ئۆتمەيلا تاقىلىپ قالغان، چۈنكى فرېدرىخ يەنە يېڭى سودا پۇرسىتىنى سەزگەن.

图片

ئۇ بىر كوچا خەۋىرى ئارقىلىق روككېفېللېرنىڭ خىرىستوس تېغىنىڭ كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، خۇددى مەززىلىك پۇراقنى پۇراپ قالغان بۆرىگە ئوخشاش دەرھال كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە تاغقا بارغان. ئەسلىدە ئۇ كان قازغىلى بارمىغان، بەلكى كان رايونى ئەتراپىدا« تىرامپ مېھمانخانىسى» نى ئاچقان. مېھمانخانىنىڭ ئورنى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن فىرىدرىخ يەنىلا« ئاجايىپ» مۇلازىمەت بىلەن پۈتۈن كان رايونىدىكى ئىشچىلارنى جەلپ قىلغان. ئۇ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئېسىل تائام، ئېسىل ھاراق، چىرايلىق قىزلارنى تەييارلاپ زېرىككەن، جاپا تارتىپ راھەتلىنىشكە ئېھتىياجى باركان ئىشچىلىرىنى پۇل خەجلەپلا ھەممە نەرسىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. بىر كۈن جاپا تارتقان كان ئىشچىلىرى« ترامپ مېھمانخانىسى» غا بېرىپ قانغۇچە تاماشا قىلغان، ئۇ يەر ئىشچىلارنىڭ راھەت ماكانىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر« ترامپ مېھمانخانىسى» دا بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ تۈگەتكەن، قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ پۇللار فرېدرىخنىڭ يانچۇقىنى تومپايتقان. لېكىن، كارىۋاتتا يېتىپ پۇل سانايدىغان بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق جەلپ قىلىش كۈچى يوق ئىدى. 1897-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان بىر خەۋەر فرېدرىخنىڭ يەنە بىر قېتىم« پۇل تاپىدىغان كىچىك رادار» نى قوزغاتقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، روككى تېغىدا ئىشچىلار كان قازغاندا ئالتۇن تېپىۋالغان. ھېلىقى كان ئىشچىسى ئالتۇننى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بايلىققا تەشنا بولغان سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان، فىرىدرىخ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، كىشىنى چۆچۈتىدىغان« ھالاكەت يولى» غا قەدەم قويغان.

بۇ يولنى ئۇنداق ئاتىشىمىزدىكى سەۋەب، تاغقا تۇتىشىدىغان يول بەك جاپالىق بولغاچقا، نۇرغۇن ئاتلارنىڭ ئۆلۈكى مۇشۇ يولدا قالغان ئىكەن. بۇ ئەسلىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەمما پۇلغا كۆز قىزارتقان فرېدرىخ بۇ تىراگېدىيەدىن سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەن.

ئۇ تاغدا بىر تېز تاماقخانا ئېچىپ، ئۆلۈك ئات گۆشىنى ھامبۇرگ بولكىسى قىلىپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىشچىلارغا ساتقان. فىرىدرىخ مۇشۇ ئۇسۇلغا تايىنىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تاغدىكى بارلىق ئات گۆشلىرىنى سېتىپ بولغان.

ئۇ ئات گۆشى ھامبۇرۇگ بولكىسى سېتىپ تاپقان پۇلىغا قوش قەۋەتلىك مېھمانخانا سالغان. لېكىن بۇ قېتىم تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك، مېھمانخانا ئەمدىلا پۈتۈشىگە كان ئىشچىلىرى باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەتكەن. لېكىن، فىرىدرىخ ئىرادىلىك ئادەم ئىدى، ئۇ يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل مېھمانخانىنى تاغدىن يۆتكەپ، بىر كېمە ئارقىلىق ئىشچىلار كەتكەن شەھەرگە كۆچۈرگەن.

图片

ئەمما، تەقدىر ئۇنى قەستەن تەڭقىسلىقتا قويغاندەك قىلاتتى. شەھەرگە بېرىش يولىدا، كېمىلەر جىددىي ئېقىنغا دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ مېھمانخانىسى كەلكۈن تەرىپىدىن يۇتىۋېتىلگەن. پۇلغا بولغان تەشنالىق فرىدرىخنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۋەتكەن. ئۇ بارلىق ياغاچ ماتېرىياللىرىنى سۇدىن سۈزىۋېلىپ، مېھمانخانىنى قايتىدىن سالغان ھەمدە مېھمانخانىنى شەھەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان.

گەرچە بۇ جەريانلار ناھايىتى ئەگرى ـ توقاي بولسىمۇ، لېكىن فرېدرىخ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مېھمانخانىسى ئەڭ قايناق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3000 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسى بۇ يەرگە كېلىپ خۇشاللىق ئىزدىگەن. فىرىدرىخ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان، ئەگەر كان ئىشچىلىرىنىڭ پۇلى بولمىسا، ئۇلارنى قېزىپ چىققان ئالتۇن بىلەن پۇل تۆلەشكە ئۈندىگەن.

فىرىدرىخ شەھەردە تۇرغان مەزگىلدە، ئىپتىدائىي بايلىقنىڭ جۇغلىنىشىنى تاماملىغان. ئەمما ئۇنىڭ ياخشى كۈنلىرى تېزلا ئاخىرلاشقان. ساقچىلار شەھەردىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا باشلىغان. نۇرغۇن مېھمانخانا تاقىلىپ قالغان. فرېدرىخ دەرھال كەسكىن قارارغا كېلىپ، ئۇ شەھەردىن ئايرىلغان.

ئۇ چاغدا ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، گېرمانىيەگە قايتىپ توي قىلىپ بالىلىق بولۇشنى قارار قىلغان. ئەمما فرېدرىخ ئۆزىنى « كەلگۈندىلەرنى قوغلاپ چىقىرىش يارلىقى»نىڭ كۈتىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

ئۇ ئامېرىكىدا سەككىز يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولۇپ، گېرمانىيەگە قايتىش ئۈچۈن دۆلەت تەۋەلىكىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ كېتىدىغان چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان.ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمىدى، شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇنىڭ باشقا دۆلەتكە بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ نۇرغۇن خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى گېرمانىيەدە ئېلىپ قېلىشىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

فىرىدرىخ نائىلاج ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن، ئۇ چاغدا ئۇ توي قىلىپ بولغان بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭغا ئوخشاش كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان قىز ئىدى. لېكىن، ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارار قىلغان.

ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆي ـ زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلغان. ئۇ ئۆزگىچە سودا نەزىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. 1918-يىلى ئۇ ئاخىرى 16 ياش ۋاقتىدا بېكىتكەن نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قالتىس بايغا ئايلانغان.

فرېدرىخ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، ئۇ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بۇلۇپ بۇ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئەر ئاخىرى ئەزرائىلنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغان.

图片

فىرىدرىخ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى فرېد تىرامپ دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان.

فىرېد تىرامپ جەمەتى ئېتىراپ قىلغان سودا تالانت ئىگىسى بولۇپ، 12 يېشىدىن باشلاپ ئولتۇراق رايونغا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى سېلىشقا باشلىغان، ئۇ 17 يېشىدىلا تۇنجى ئۆينى سالغان. ئۇ قېرى ترامپنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسىدىنمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ قاتتىق قول ۋە يۈرىكى تېخىمۇ قارا ئىدى.

24 ياشقا كىرگەن يىلى فىرىد ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، زور بىر تۈركۈم ئەرزان ياتاق ئۆي سالغان. فىرېد تىپىك كاپىتالىست بولۇپ، سىياسەتتىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش شىركىتىنى قۇرغان، ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ھەممىسىنى فرېد سالغان ئىدى.

图片

30 ياشتىن ئاشقاندا ئۇ تانسا كېچىلىكىدە تونۇشقان بىر قىز بىلەن توي قىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى مارى بولۇپ، شوتلاندىيىلىك كۆچمەن ئائىلىسىدىن ئىدى، ئۇ ناھايىتى نامرات، ئەمما ئەقىللىق، گۈزەل بولۇپ، ناھايىتى تەدبىرلىك ئىدى. فىرىد ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، « پۇل تېپىشقا» غا تېخىمۇ بېرىلگەن.

图片

چەكسىز ئاچكۆزلۈك ئاخىرى ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى زۇڭتۇڭ ئېزىنخاۋېر ھەربىيلەر ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي ياخشىلاشنى قارار قىلغان. فىرىد ئەلۋەتتە بۇ چوڭ پۇرسەتنى بوش قويۇۋەتمەيتتى. ئۇ ھۆكۈمەتكە نورمىدىن ئارتۇق ئۆي سېلىش مەبلىغى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە پۇلنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەن.

فىرىد ئۆزىچە بۇ ئىشنىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارمىدىم دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قېتىم ئۇ قاتتىق موللاق ئاتقان.

ئېزىنخاۋېر مالىيە جەھەتتىكى يوچۇقنى ناھايىتى تېزلا بايقاپ، قاتتىق غەزەپلىنىپ، مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ فرېدنى تەكشۈرگەن. ئۇلار فرېدنىڭ ھېساباتىدىن 4 مىليوندىن دوللاردىن ئارتۇق ھۆكۈمەت مەبلىغىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ سەتچىلىك پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان.

كاززاپلىق قىلغان فرېد ئەڭ ئاخىرىدا قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سسىق نامى ھەممىلا يەرگە پۇر كەتكەن.

图片

فىرىد كەسپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى سەپكە چېكىنمەكچى بولۇپ فىرىد تىرامپنى ئىز باسار قىلماقچى ئىدى، بىراق كىچىك فىرىد ھەقىقەتەن يارىماس بولۇپ، دائىم چاتاق تېرىپ، ئەيش-ئىشرەت بىلەن يۈرگەن. ئەڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، سودىغا ئازراقمۇ قىزىقمايتتى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن فرېد دىققىتىنى تۆتىنچى ئوغلى دونالد تىرامپقا يۆتكىگەن. تىرامپ دەسلەپتە دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارسىلىق قىلىشنى خالىمىغان، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق شەخس بولۇشنى ئويلىغان. بىراق، دادىسى ئاخىر تىرامپنى قايىل قىلغان.ئۇ سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جەمەتىنىڭ سودىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ دېگەندەك، تىرامپ شىركەتنى قولىغا ئېلىپلا دادىل قارار چىقارغان. ئۇ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ نيۇيورك مەركىزىي ۋوگزالىدىكى بىر كونا مېھمانخانىنى سېتىۋالغان. ئۇ چاغدا پۈتكۈل نيۇ-يوركتا ئۆي - مۈلۈك كەسپى كاساتلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن كارخانىلار ئۆي-مۈلۈكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئالدىرىغان بولسىمۇ، تىرامپ كۆپ پۇلغا كونا بىنالارنى سېتىۋالغان، نۇرغۇن ئادەم ئۇنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلىغان. ئەمما تىرامپ ئادەتتىن تاشقىرى تەمكىن ھالدا مۇنداق دىگەن: ھېچكىم ئۆي ـ زېمىن كەسپىنى مەندىنمۇ بەكرەك چۈشەنمەيدۇ!

قوللاشقا ئېرىشەلمىگەچكە، ئۇ پۇل قەرز ئېلىپ مېھمانخانا سېتىۋالغان ھەمدە نيۇيورك ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھۆكۈمەتتىن ھەر يىلى بىر مىليون يۈەن باجنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىككى يىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق دەسلەپتىكى ۋەيرانە مېھمانخانا ھەشەمەتلىك مېھمانخانىغا ئايلانغان. تىرامپنىڭ« كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش» ئىقتىدارى ئۇنى ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى يۇلتۇزغا ئايلاندۇرغان.

1977-يىلى 31 ياشقا كىرگەن تىرامپ تۇنجى ئايالى ئىۋاننانى ئەمرىگە ئالغان، ئۇ تىرامپ ئائىلىسىنىڭ كېلىن تاللاش ئۆلچىمىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ نامرات ئەمما گۈزەل قىز ئىدى.

ئىۋاننانىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىر خىزمەت مەستانىسى ئىدى. تىرامپنى ئۇچراتقاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال مودېللىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇنىڭ شىركىتىگە كىرىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. ئىۋاننانى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش سوغۇق قان ھەم تىرىشچان ئىكەنلىكىنى، مەقسىتىگە يەتمىگۈچە ھەرگىز بولدى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قابىل ياردەمچى بولغاچقا، بۇ خۇددى يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولغان.

1980-يىلى، تىرامپ دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق تۇرالغۇ ئۆي سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بىناسىغا« ترامپ سارىيى» دەپ نام بەرگەن. بىنانىڭ سىرتقى ئەسلىھەلىرى ھەشەمەتلىك، ئىچىدىكى سەپلىمىلەر ئىنتايىن ئىلغار ئىدى.

تىرامپ سارىيىنىڭ تۈر دىرېكتورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ بەك پىخسىق ئىكەن. پۇل تېجەش ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئەرزان پول ۋە ئىشكاپ ئارقىلىق ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ھەشەمەتلىك بىنا نيۇيوركتىكى ئەڭ قىممەت تۇرالغۇغا ئايلانغان. تىرامپ پۇلىنىڭ كۆپلىكىدىن ساناپ بولالماي قالغان. لېكىن ئۇنىڭ پۇل تېپىشقا قارىغاندا تېخىمۇ نام چىقارغۇسى بار ئىدى.

دونالد تىرامپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ئاممىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھېچكىم قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان.

بىر نەچچە قېتىم ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ مانخاتتاندىكى بىر مۇز تېيىلىش مەيدانىغا كۆز تىككەن. ئۇ مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلغىنىغا يەتتە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش پۈتمىگەن ئىدى. تىرامپ ھۆكۈمەتتىن بۇ قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تىرامپ ئارزۇسى بويىچە مۇز تېيىلىش مەيدانىنى قولىغا ئالغان. شۇ چاغدىكى شارائىتتا يېرىم يىلدا مۇز تېيىلىش مەيدانىنى قۇرۇپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن بىر ئىش ئىدى. لېكىن تىرامپ ھەقىقەتەن بۇ قۇرۇلۇشنى دىگەن ۋاقتىدا تاماملىدى. ئۇ ئەڭ كەسپىي قۇرۇلۇش ئەترىتىنى تېپىپ، ئەڭ داڭلىق بىناكارلارنى تەكلىپ قىلغان. ترامپ كوللېكتىپ ئەزالىرىغا بۇ تۈرنى تاماملىسىلا نامى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدىكى ئەڭ شانلىق نەتىجە بولۇپ قالغان.خىزمەتچى خادىملار يەڭنى تۈرۈپ، كېچە ـ كۈندۈز توختىماي ئىشلەپ، تۆت ئايدىلا بۇ تۈرنى تاماملىغان. تىرامپ بارلىق تۆھپىگە ئۆزى ئېرىشىپ ئارخىتېكتورلار ھەتتا ئىش ھەققىنىمۇ ئالالمىغان.

ئەمما بۇ ئېچىنىشلىق ئىشلارنى ھېچكىم كۆرمىگەن. ئاۋام پەقەت« خاسىيەتلىك ئادەم» گە ئوخشاش تىرامپنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرگەن .ئۇ« ھاياتلىقتا غەلىبە قىلغۇچى» غا ئايلانغان.

ئەمما مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلماسلىق تىرامپ جەمەتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، خۇددى زېرەك قاپلانغا ئوخشاش يېڭى نىشانغا قاراپ ئاتلانغان. 1984-يىلى، ئۇ تۇنجى قىمارخانا « تىرامپ مەيدانى» نى تەسىس قىلغان.

قىمارخانا تىجارەت باشلىغان تۇنجى ئايدا ئالغان پايدىسى 2100 دوللارغا يەتكەن، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن تىرامپ كىيىنكى يىلى يەنە بىر قىمارخانا ئاچقان. ئۇ بۇ قىمارخانىغا« تىرامپ قەلئەسى» دەپ نام بەرگەن ھەمدە ئايالى ئىۋاننانى تىجارەت باش نازارەتچىسى قىلغان.

پۇللار خۇددى سەلگە ئوخشاش ترامپقا قاراپ ئاققان. ئۇ ھەدەپ بەتخەجلىك قىلىپ، تەلۋىلەرچە مال سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى، دېڭىز مەنزىرىسى، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلار، شەخسىي ئايروپىلان ھەتتا بىر زەيتۇن توپ كوماندىسى ۋە بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى سېتىۋالغان.

ئاخىرىدا، كۆرەڭلەپ كەتكەن تىرامپ چېگرىدىن ئاتلىغان. ئەمما ئۇ ۋاقتىدا ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان. ئۇ قىزنىڭ ئىسمى مالا بولۇپ ئىشتىن سىرتقى مودېل ئىدى.

مالا بىلەن ئۇچرىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، تىرامپ ئىۋانانى ناھايىتى يىراق جايغا شىركەتنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايالىدىن بۇرۇنلا زېرىككەن بولۇپ، سەۋەبى تولىمۇ غەلىتە ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىۋاناغا ھەسەت قىلاتتى.

ئىۋاننانىڭ سودىدا تالانتى بار، ھەم تىرىشچان ئىدى، جان تىكىپ ئىشلىگەچكە، شىركەتتە ھەتتا ئېرىدىنمۇ ئېشىپ كېتەتتى. تىرامپ تۇيۇقسىز ئايالىنىڭ يېنىدىكى يانداش رولچى بولۇپ قالغاچقا، بۇ ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن رەقىبگە ئايلانغان. ئەمما نىكاھتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر تىرامپنىڭ كەسىپكە ئىنتىلىش قەدىمىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن، ئۇ بارغانسېرى ئاچكۆزلىشىپ كەتكەن.

يىلى ئۇ ئۈچىنچى قىمارخانىنى قۇرغان، بۇ« ترامپ. تاج مەھەل مەقبەرىسى» ناملىق قىمارخانا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ چاغدا تىرامپ ھەر كۈنى خۇشال-خۇرام ئۆتۈپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بايلىققا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن. ئۇ تەلىيىنىڭ ئاللىقاچان خوراپ تۈگىگەنلىكىنى، بەختسىزلىكنىڭ ئاستا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلالمىغان.

图片

يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، تىرامپ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان كۈن. شۇ كۈنى ترامپ شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى يېڭى جېرسېيدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بەش يولۇچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى قىمارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، تىرامپنىڭ ئوڭ ۋە سول قولى ئىدى. ئەسلىدە تىرامپمۇ ئاشۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن بىللە كاماندىروپكىغا چىقماقچى ئىدى، ئۇ ئايروپىلانغا چىقىشتىن بىر مىنۇت بۇرۇن قارارىنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە ئامان قالغان.

图片

گەرچە ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن تىرامپنىڭ ئىشلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئۈچ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ باشقۇرۇش قاتلىمىدا زور يوچۇق پەيدا بولۇپ، تىرامپ شىركىتى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. تىرامپ ھوشىغا كەلمەي تۇرۇپلا، تەقدىر ئۇنىڭغا يەنە بىر زەربە بەرگەن.

1989-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ۋال سىترىت كوچىسىدىكى پاي چېكى بازىرى غۇلاپ چۈشۈپ، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە پېتىپ قالغان.

بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان تىرامپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بولغان.

قىمارخانا سېلىش ئۈچۈن تىرامپ ئاكسىيە شىركىتىدىن 675 مىليون قەرز ئالغان، ئۆسۈمى% 14 كە يەتكەن. لېكىن ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىدا پەقەت 3000 ئامېرىكا دوللىرى قالغان بولۇپ، بۇ غايەت زور ئازگالنى تولدۇرۇشقا ئەسلا قۇربى يەتمەيتتى. ترامپ ھەر كۈنى ناھايىتى ئالدىراش يۈرگەن. بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن.

يىلى يېڭى يىل كېچىسى، ترامپ ئايالى بىلەن دەم ئېلىپ قار تېيىلىۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئاشنىسى مارا تىرامپقا ئالاھىدە« يېڭى يىللىق سوۋغات» بەرگەن. مارا شۇ كۈنى ئىۋانانى ئىزدەپ بېرىپ، ترامپنىڭ ئالدىدا « ماڭا ئېرىڭ كېرەك، ئۇ سېنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان » دىگەن. مالانىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ئىۋانانى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن، ئۇ ترامپ بىلەن ئاداۋەتلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغان.

图片

لېكىن تىرامپ بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولۇپ، ئىككىسى توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىۋانانى ئالداپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجراشقاندا تىرامپ ئەڭ ياخشى ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىغان، شۇڭا ئىۋانا ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمىگەن.

تىرامپ ئۈچۈن ئون نەچچە جاپا تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان ئىۋانا بۇنداقلا بولدى قىلمىغان. ئۇ جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ ترامپقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قۇرۇق سۆلەت بەگزادە، ۋاپاسىز دەپ ئاشكارا ئەيىبلىگەن. ئىۋانانىڭ بىچارىلەرچە دەرد تۆكۈشى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ تىرامپ ھەممە ئادەم ھاقارەتلەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان.

ئەمما غايەت زور بېسىم تىرامپنى يىقىتالمىغان، ئامما ئالدىدا ئۇ يەنىلا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھەم داۋاملىق پو ئېتىپ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى مۆلچەرلىگۈسىز دىگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئىدى، بانكىلار ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ قەرز سۈيلىگەن شۇ چاغدا، ئۇنىڭ قەرزى 3 مىليارد 500 مىليونغا يەتكەن.

تىرامپ بايلىقىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا باشلىغان، ئۇ سەيلە كېمىسىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ساتقان، ئىزچىل پەخىرلىنىپ كېلىۋاتقان مەيدان مېھمانخانىسىنىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى سېتىۋالغان. 1991- يىلى، « ترامپ . تاج مەھەل مەقبەرىسى» تىجارەت باشلاپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى تىرامپنىڭ ئىپادىسى بەك ناچار بولۇپ، ھەممە يەردە ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن. 1993-يىلى ئۇ يەنە مارا بىلەن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان پۇلنى ئارىيەتكە ئالغان، مەيدان ئىجارىگە ئالغان، لېكىن بۇ ئەھۋاللار يەنىلا تىرامپنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن. توي مۇراسىمىدا نۇرغۇن چولپانلار يىغىلغان.

تىرامپنىڭ بۇنداق تەمكىن بولىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزى ئۈچۈن چېكىنىش يولى ھازىرلاپ بولغان. ئۇ ۋەيران بولۇشنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەڭ مۇھىم كەسىپنى ساقلاپ قالغان. كېيىن، ئۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى ساتقان. تىرامپ پاي چېكى سېتىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ، كۆپ قىسىم قەرزىنى قايتۇرۇپ، قايتىدىن شانلىق نەتىجە ياراتقان.

تىرامپ يەنە« ئۆي ـ زېمىن شاھى» تەختىگە قايتىپ كەلگەن، يەنە« قايتىدىن باش كۆتۈرۈش» سەنئىتىنى يېزىپ، كۆپچىلىككە تەجرىبە ئۆگەتكەن.

لېكىن ترامپنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ئۇنى« دۇنيادىكى ئەڭ ھىيلىگەر قېرى» دەپ ئاتىغان، ئۇ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىققان، لېكىن بۇ مۇۋەپپەقىيەت باشقىلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن.

تىرامپ پۇلنى قايتۇرمىغاچقا، سانسىزلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار زىياننى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ تاقىلىپ قالغان، نەچچە مىڭ ئادەم مۇشۇ سەۋەبلىك ئىشسىز قالغان. بىر نەچچە قۇرۇلۇش ئەترىتى تىرامپ ئۈچۈن ئەڭ ھەيۋەتلىك بىنا سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا بىر تىيىنمۇ ئالالمىغان.

图片

تىرامپ ئەزەلدىن زور زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان، بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ كىشىلەرنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولۇشى مۇمكىن. تىرامپ جەمەتىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى: « كىم قاتتىق قول بولسا ، شۇ پادىشاھ بولىدۇ» . تىرامپ ئۈچ ئەۋلاد ئىزچىل مۇشۇ« مىزان» بويىچە سودا مەيدانىدا جان تىكىپ ئېلىشىپ، بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان.

لېكىن بۇلار ماختاشقا ئەرزىمدۇ؟ تىرامپ جەمەتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ئۇلارغا شوتا بولغان.

تىرامپنىڭ بوۋىسى كان ئىشچىلىرىنىڭ قان تەرى بەدىلىگە پۇل تاپقان، ئۇنىڭ دادىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلىغان، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قايتىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.مېنىڭچە، بىر ئادەم ۋىجدانلىق، مەسئۇلىيەتچان، شۇنداقلا سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بولمىسا، ھەرقانچە كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ


分享到: