新闻详情

رونالدو ئۈچ چوڭ رېكورتقا جەڭ ئېلان قىلدى

发表时间:2021-01-04 03:09作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ئۇدىنېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقە كرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، كرىستىيانو رونالدو ئۇدىنېس بىلەن چۈشكەن ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئۇ مەيدانغا چىققان بۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس تولۇق غەلبىگە ئېرىشكەن.

كرىستىيانو رونالدو يېڭى يىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ چوڭ رېكورتقا جەڭ ئېلان قىلدى، ھازىر كرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 756 توپقا يەتكەن بولۇپ، ھازىرقى توپچىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، پەقەت پۇتبول شاھى پېلې بىلەن 11 توپ پەرقلىنىدۇ، 2002-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، كرىستىيانو رونالدو ھەر يىلدا توپ كىرگۈزگەن، مەيلى پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى، مەيلى مانچېستېر بىرلەشمىسى ياكى خانلىق مادرىد بولسۇن، ھەممىسىدە بۇ نەتىجىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو يەنە توپ كىرگۈزسە ئۇنداقتا كرىستىيانو رونالدو ئۇدا 19 يىل ھەر تەبىئىي يىلدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يارىتىدۇ، ھازىر كرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 12 توپ كىرگۈزدى، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ قالپاق ئويۇنىنى تاماملىسا، ئۇنداقتا كرىستىيانو رونالدو ئۇدا 15 يىل بىرلەشمە مۇسابىقىدە 15دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يارىتىدۇ.

كرىستىيانو رونالدو 36 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا 2020-يىللىق بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى توپ كىرگۈزۈش رەت تەرتىپىدە 33 توپ بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرى بويىچە 44 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بۇ يىل كرىستىيانو رونالدونىڭ يەنە قانداق رېكورتلارنى يارىتىدىغانلىقىغا مەستانىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.


分享到: