新闻详情

يۇۋېنتۇس توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2021-01-04 03:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ئۇدىنېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن يۇۋېنتۇس بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، موراتا يارىلىنىش سەۋەبلىك تىزىملىككە كىرەلمىدى.

يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچى: سچېزنى، بۇففون، پىنسوگلىئو؛

بېك: دېلىگت، دانىلو، كۇادرادو، ساندرو، چېللىنى، بونۇچى، فرابوتا، دىپاردو، دېمىرال؛

ئوتتۇرا مەيدان: ئارتۇر، رامسېي، مېچىننى، چىئېسا، رابىئوت، بېنتانكۇر، بېرناردېسچى، كۇلۇسېۋىسكى، پورتانوۋا، فاگىئولى؛

ھۇجۇم: كرىستىيانو رونالدو، دىبالا، دا گراكا؛

يۇۋېنتۇس ئورگان تورى: موراتا تۈنۈگۈنكى مەشىقتە يارىلىنىش سەۋەبلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تىزىملىكىگە كىرەلمىدى.


分享到: