新闻详情

خەلق سارىيى ھەققىدە چۈشەنچە

发表时间:2021-01-04 03:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:رادىيو تورى



ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارىتى بولىدۇ، ئالايلۇق، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىتى، فىرانسىيەنىڭ ئېففېل مۇنارى دېگەندەك. ئۇنداقتا بېيجىڭدا قانداق بەلگە ئىمارەتلەر بار؟ 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئون چوڭ بەلگە ئىمارەتنى تونۇشتۇرىمىز، بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز خەلق سارىيى

خەلق سارىيى-جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان جاي ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورنى، پارتىيە، دۆلەت ۋە ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم سورۇنى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان سورۇنى.

خەلق سارىيى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ غەربىگە، غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل بىنانىڭ لەمپىسىگە سېرىق، يېشىل بۇيۇملار نەقىشلەنگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك، كاتتا، نەپىس مىللىي ئۇسلۇب ۋە زامانىۋى ئىمارەتنىڭ ئاجايىپ سالاپىتى نامايان قىلىنغان.

خەلق سارىيىنىڭ ئىچى ئاساسلىقى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىمالىدا 5000 كىشى سىغىدىغان زىياپەت زالى، ئوتتۇرىسىدا 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال، جەنۇبىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت بىناسى بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەر خىل يىغىن زالى، ئارام ئېلىش زالى، ئىشخانا قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق زال بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مول يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىغىن زاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلق سارىيى 1958-يىلى 10-ئايدىن 1959-يىلى 8-ئايغىچە سېلىنغان، پۈتۈنلەي جۇڭگولۇقلار ئۆزى لايىھەلەپ سالغان، پەقەت 10 ئايدىلا پۈتكەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بىناكارلىق تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت بولۇپ قالغان، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا تەقدىم قىلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.


分享到: