新闻详情

تيەنئەنمېن راۋىقى ھەققىدە

发表时间:2021-01-04 03:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:央视



ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارىتى بولىدۇ، ئالايلۇق، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىتى، فىرانسىيەنىڭ ئېففېل مۇنارى دېگەندەك. ئۇنداقتا بېيجىڭدا قانداق بەلگە ئىمارەتلەر بار؟ 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئون چوڭ بەلگە ئىمارەتنى تونۇشتۇرىمىز، بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز تيەنئەنمېن راۋىقى

تيەنئەنمېن راۋىقى-ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ئالاھىدە سىياسىي ئورنى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى! جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىغان ھەم تۇنجى بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئۆز قولى بىلەن چىقارغان.

تيەنئەنمېن-مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بېيجىڭ خان ئوردىسىنىڭ چوڭ قوۋۇقى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 15-يىلى، يەنى 1417-يىلى سېلىنىشقا باشلىغان، ئەڭ دەسلەپتە «تەڭرىنىڭ ئەمرى» دېگەن مەنىدە «چېڭتيەن قوۋۇقى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ مەنىسى «تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن جاھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى شۈنجىنىڭ 8-يىلى، يەنى 1651-يىلى نامى تيەنئەنمېنگە ئۆزگەرتىلگەن. تيەنئەنمېن سېپىل سۇپىسى ۋە سېپىل راۋىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 34.7 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 66 مېتىر، كەڭلىكى 37 مېتىر. سېپىل راۋىقىنىڭ ئاستىدا بەش ئەگمە قوۋۇق بار، ئوتتۇرىسىدىكى ئەگمە قوۋۇق ئەڭ چوڭ بولۇپ، خان ئوردىسىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىغا جايلاشقان، ئىلگىرى پەقەت پادىشاھلارلا مۇشۇ يەردىن كىرىپ چىقاتتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تيەنئەنمېن راۋىقى كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ، يىپيېڭى تۈسكە كىرىپ، دۆلەت مۇھىم تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ۋە يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان سورۇنغا ئايلاندى. تيەنئەنمېن راۋىقىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، تيەنئەنمېن-جۇڭگونىڭ سىمۋولى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى تەلپۈنىدىغان جاي.


分享到: