新闻详情

خەلقئارا مىلان 2:6 كروتونې

发表时间:2021-01-04 03:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 19:30دا، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مېئاززا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا كروتونې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كروتونې كوماندىسىدىن زانېلاتو بىر توپ كىرگۈزدى، خەلقئارا مىلاندىن لاۋتارو مارتىنېز بىر توپ كىرگۈزدى، كەينىدىن كروتونې كوماندىسىدىن مارونې خائىن توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، كروتونې كوماندىسىدىن گولېمىچ نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لاۋتارو مارتىنېز يەنە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، قالپاق ئويۇنى ئوينىدى، خەلقئارا مىلاندىن لۇكاكۇ بىلەن ئاچراف بىردىن توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 2:6 نەتىجىدە كروتونې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى خەلقئارا مىلان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، بروزوۋىچنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇت بولغاندا كروتونې بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كروتونې ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسىئاسنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن پاس بېرىشى بىلەن زانېلاتو قاپقا ئالدىدا توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇكاكۇنىڭ پاس بېرىشى بىلەن لاۋتارو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 31 مىنۇت بولغاندا خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، كروتونې كوماندىسىدىن مارونې «خائىن توپ»تىن بىرنى كىرگۈزدى، ئارىدىن تۆت مىنۇت ئۆتكەندە كروتونې كوماندىسىدىن گولېمىچ نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 2:2 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ خەلقئارا مىلان ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 56 مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، بروزوۋىچنىڭ پاس بېرىشى بىلەن لاۋتارو كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا مىلان يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، باستونىنىڭ ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن لۇكاكۇ قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 78 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، لاۋتارو قاپقا ئالدىدا قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىدى، ئارىدىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، دارمىئاننىڭ پاس بېرىشى بىلەن ئاچراف بىر توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 2:6 نەتىجىدە كروتونې كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ۋاقتىنچە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى.


分享到: