新闻详情

دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال

发表时间:2021-01-04 03:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى


ئامېرىكا تاراتقۇسى «TC Candler» شۇ جاي ۋاقتى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى «2020-يىللىق دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال ۋە 100 كېلىشكەن ئەر» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىك ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك قىزىق نوقتا بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر ھەۋەس بىلەن بەھىرلىنىدۇ، بەزىلەر مۇشۇمۇ گۈزەل بولدىمۇ، دەپ يەتكۈچە قەغىش قىلىشىدۇ. ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇمۇ بىر باھالاش نەتىجىسى خالاس.

ئۇنداقتا بىز قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، 2020-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىگە كىرگەن دۆلىتىمىز گۈزەللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

«دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە 27-ئورۇندا تۇرغىنى مەملىكىتىمىز تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان جۇۋ دۇڭيۈ.

بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇۋ دۇڭيۈنىڭ نامى دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدا خېلى داڭلىق، ئۇ مەملىكەت ئىچىدە ئالقىشلىنىپلا قالماي يەنە «جۇڭگوچە گۈزەللىك» نى دۇنيا ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلغان. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، جۇۋ دۇڭيۈ قارىماققىلا شەرق گۈزىلىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كېيىنىش ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، لاتاپىتى بىراقلا ئاشتى، مودا ساھەسىدىمۇ بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلىدى، مانا قاراڭ، دۇنيا گۈزەللىرى قاتارىدا 27-ئورۇننى ئىگىلەش، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ.

دىيارىمىز گۈزەللىرىدىن بولغان دىلرابا 2020-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە 39-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىنىڭ دۇنيا ئەھلىنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

ناخشىچى، رىياسەتچى جۇ جۇ 2020-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە 63-ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇ «3-ئەۋلاد چولپان» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىنو ۋە ناخشا جەھەتتە خېلىلا تالانتلىق ئايال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇۋىنتىسنىڭ باشلىقى رەپو ئېركان (Rapo Ercan) بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى ئۈچۈن چەت ئەلدە خېلى دىققەت-ئىتىبارغا ئېرىشكەن.

لىن يۈن «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىگە 5-قېتىم كىرگەن بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى 14-ئورۇندا تۇرغان، بىراق بۇ يىل ئۇ 74-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

مەملىكەت ئىچىدە خېلىلا داڭق چىقارغان گۈلنەزەرمۇ 2020-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ 84-ئورۇندا تۇرغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا ئۆزگىچىلىك ئالاھىدىلىكى سەل كەمچىل.

2019-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە 44-ئورۇننى ئىگىلىگەن، «مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان گۈزەل» جۇ جىڭيى بۇ يىل بىراقلا 87-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، «مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان گۈزەل» دېگەن نامىنىڭ تەسىرىمۇ سەل سۇسلىشىپ قالغان.

مەملىكىتىمىزدىكى ئايال چولپان سۇڭ يۈچى 2020-يىللىق «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە 98-ئورۇندا تۇرغان.

جوۋ زىيۈ بۇ يىل «دۇنيادىكى 100 گۈزەل ئايال» تىزىملىكىدە «ئەڭ يارقىن» ئورۇندا تۇرغان ئايال چولپان بولۇپ، ئۇ يەنە كورېيە Twice گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يىللىق «دۇنيادىكى بىرىنچى گۈزەل» بولسا 2001-يىلى تۇغۇلغان ئىسرائىلىيەلىك مودىل يائېل شېلبىيا (Yael Shelbia)


分享到: