新闻详情

راك كېسىلىنى بايقىغان ۋاقتىمىز كېچىكمىسۇن

发表时间:2021-01-04 03:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ساغلاملىق تورى

راك كېسىلى بىراقلا پەيدا بولمايدۇ، نۇرغۇن راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش جەريانى راك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بىرلەمچى راك ۋە ئىنفىلتراتسىيەلىك راكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نورمال ھۈجەيرىدىن راك ھۈجەيرىسىگە تەرەققىي قىلىشقا ئون نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ راك كېسىلى بايقىلىپلا ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ؟

نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، «كېسەلنى يوشۇرۇپ، داۋالىنىشتىن قېچىش» پىسخىكىسىدا بولۇپ، دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالىماسلىق، نەتىجىدە كىچىك كېسەللەر راكقا ئايلىنىپ كېتىش؛

ئىككىنچى، نۇرغۇن راك كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاسانلا سەل قارىلىدۇ؛

ئۈچىنچى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس.

بىرىنچى سەۋەب: قورقۇش ـــ «كېسەلنى يوشۇرۇپ، داۋالىنىشتىن قېچىش» پىسخىكىسى

نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى كىچىك كېسەل بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى خالىمايلا قالماستىن ياكى «كېسەل كۆرسەتمىسە كېسەل بولمايدۇ» دەپ ئويلايدۇ، نەتىجىدە كىچىك كېسەللەر راكقا ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ يەنە بەزى بىمارلار رېتسېپقا ئىشىنىپ، ئۆزى قالايمىقان دورا ئىشلەتسە، داۋالاشقا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

جۇڭگو راكقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «2012-يىللىق جۇڭگو ئۆسمىلىرىنى تىزىملاش يىللىق دوكلاتى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش يېشى 15-20 يىل ئالدىغا سۈرۈلگەن، ئەسلىدە 50-80 يېشىدىلا ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 35-55 ياشقىچە بولغان ئىكەن.

شۇڭا، كېسەل كۆرسەتمەسلىك كېسەل يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۆزىنىڭ بەدىنىدە قانداق مەسىلە بارلىقىنى تونۇپ يېتىش، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى سەۋەب: ئالدىنى ئېلىش. راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا سەل قاراش

راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ راك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە كۆپچىلىك سەل قارىغان.

1. مونەك تۈگۈنى

بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا مونەك تۈگۈنچىكى پەيدا بولسا، بىرىنچى بولۇپ بەلكىم ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆسمە تۈگۈنچىسىنىڭ راك كېسىلى بولۇشى ناتايىن، ئۇ غەيرىي ئۆسمە خاراكتېرلىك (مەسىلەن، ياللۇغلۇق مونەك)، ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇشىمۇ مۇمكىن.

2. تاشقى زەخىمدىن كېلىپ چىققان سىجىل ئاغرىش.

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاغرىقنى باشتىن كەچۈرگەن، ئاغرىغاندا كۆپچىلىكنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلىتىش، بۇ ئەمەلىيەتتە كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرىدۇ، مۇمكىن بولغان سەۋەبنى ئاۋۋال ئويلاپ بېقىش كېرەك. ئەگەر بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا غەيرىي تاشقى زەخىمدىن كېلىپ چىقمىغان، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سىجىل ئاغرىق كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك.

3. يۆتەل ئۇزاققىچە ساقايماسلىق

يۆتەلگە نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەر غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ، بەزىلەر يۆتىلىپ يۆتەل توختىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ مۇھىمى يۆتەلنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئۇزۇن مۇددەت داۋالاپ ساقايمىغان يۆتىلىش ياكى بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەر ئۆپكە راكى قاتارلىق ئېھتىماللىقلاردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا دائىم قىزىپ قالىدۇ.

قىزىپ قالغاندا ئالدى بىلەن نېمە سەۋەبتىن قىزىپ قالغانلىقىنى ئويلاش كېرەك، ئەگەر قىزىش سەۋەبى ئېنىق بولمىسا ھەمدە داۋاملىق مەۋجۇت بولسا، راك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىپ، بالدۇرراق مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

5. غەلىتە ئورۇقلاش ۋە چارچاش

ئەگەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتمىگەن، شۇنداقلا مەقسەتلىك ھالدا تاماققا چەكلىمە قويمىغان بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى سەۋەبى ئېنىق بولماي تۆۋەنلەپ كەتكەن ياكى تەرەققىي قىلىشچان ئورۇقلىغان بولسا ياكى ئىشتىھاسىزلىق قوشۇلۇپ كەلگەن، ماغدۇرسىزلىنىش ئاسان چارچاش قاتارلىقلار بولسا، سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك، ئورۇقلاش ۋە چارچاشمۇ راك كېسەللىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.

6. سىرتقى يارا بولمىغان قان چىقىش.

غەيرىي زەخىملىنىش خاراكتېرلىك بىنورمال قاناش، مەسىلەن، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ياكى قان قۇسۇشتا ئۈچەي راكى، ئاشقازان راكى بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا دىققەت قىلىش؛ قان تۈكۈرۈش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش ئۆپكە راكىدىن ھوشيار بولۇش؛ جىنسىي يولدىن قان چىقىش ياكى ھەيىز مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتتا قاناش قاتارلىقلار بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن؛ ئاغرىقسىز قان سىيىش ياكى كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ غەيرىي زەخىملىنىشتىن بۇرۇن قاناش بولسا بۇنىڭ يۇتقۇنچاق راكى بولۇش ئېھتىماللىقى بار.

7. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ داۋاملىق نورمالسىزلىقى

8. يېمەكلىكنى يۇتقاندا توسۇلۇش تۇيغۇسى بولىدۇ.

ئەگەر تاماق يېگەن ۋاقىتتا تۆش سۆڭەك ئارقىسى چىڭقالغاندەك ياكى كۆيگەندەك، تۆش سۆڭەك ئارقىسى ئاغرىغاندەك ياكى قىزىلئۆڭگەچتە يات ماددا باردەك، بولۇپمۇ يۇتۇش خاراكتېرلىك ئېغىرلاشقاندەك سېزىم بولسا، قىزىلئۆڭگەچ راكى، كېكىردەك راكى قاتارلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

9. ئاۋازى پۈتۈپ، ئەسلىگە كېلىشى تەس.

قىسقا ۋاقىتلىق ئۈنى پۈتۈپ قېلىش نۇرغۇن كىشىلەردە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۈنى پۈتۈپ قېلىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، كېكىردەك راكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېكىردەك قايتقۇچى نېرۋىسىغا تاجاۋۇز قىلىش ياكى ئۇنى بېسىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ھوشيار تۇرۇش كېرەك.

10. چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى، ھالىتى ئۆزگىرىش.

چوڭ تەرەتنىڭ ئادىتى، قېتىم سانى ياكى ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە (مەسىلەن، چوڭ تەرەتنىڭ سىرتقى شەكلى ئىنچىكىلەش، چوڭ تەرەت يىرىڭ، قان، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتارلىقلار) ياكى قەۋزىيەت بىلەن ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالمىشىشىدىن ساقلىنىش، چوڭ ئۈچەي راكىدىن ھوشيار بولۇش، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

11. ئاق داغ يوغىناش، كۆيۈشۈپ قىچىشىش

ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىكى ئاق داغ، ئاياللارنىڭ ياكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىكى ئاق داغ تېزلىكتە كېڭىيىپ قىچىشىدۇ، ئېھتىيات قىلمىغاندا راكقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

12. قارا مەڭ تۇيۇقسىز چوڭىيىپ، رەڭگى ئۆزگىرىدۇ.

قارا مەڭ تۇيۇقسىز چوڭىيىپ، گىرۋەكلىرى تەرتىپسىز بولۇپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ، يېرىلىپ قاناش، كۆيۈپ قىچىشىپ ئاغرىش ياكى مەڭ ئۈستىدىكى ئەسلىدىكى تۈكلەر چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە قارا پىگمېنت ئۆسمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

13. ئۆزلۈكىدىن پاتولوگىيىلىك سۆڭەك سۇنۇش.

سىرتقى كۈچ روشەن بولمىسا ياكى يېنىك تاشقى كۈچ تەسىرىلا بولسا، ناھايىتى ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بەلكىم پاتولوگىيەلىك سۇنۇق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سۆڭەك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

14. يارا ئېغىزى ئۇزاققىچە ساقايماسلىق.

ئەگەر تېرىدىكى يارا ئېغىزى ياكى يارا ساقايمىسا، تېرە راكىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا ياكى ساقايمىسا، ئېغىز بوشلۇقى راكىنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

15. ئەرلەرنىڭ مەيدىسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ

گەرچە ئەرلەردە سۈت بېزى راكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئەرلەردە كۆكسى بىنورمال ئۆسۈپ چوڭ بولسا ياكى باشقا بىنورمال ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلسە، ئەرلەردە سۈت بېزى راكىدىن ھوشيار بولۇپ، سۈت بېزى مەخسۇس بۆلۈمىدە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

گەرچە يۇقىرىقى ئىپادىلەر ئالاھىدە بولمىسىمۇ، ئاددىي ھالدا نومۇرغا قاراپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇش كېرەك.


分享到: