新闻详情

يۇۋېنتۇس 1:4 ئۇدىنېس

发表时间:2021-01-04 11:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ئۇدىنېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن رونالدونىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتىم، رامسېينىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئۇدىنېس كوماندىسىدىن دېپاۋلو بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، يۇۋېنتۇستىن رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، رامسېينىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن كىچىك چىئېسا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، رامسېي بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىناۋەتسىز قىلىندى،مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا ئۇدىنېستىن زېگېلار بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كەينىدىنلا يۇۋېنتۇستىن دىبالا بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجىدە ئۇدىنېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

202114

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، رونالدونىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، رامسېينىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا، ئۇدىنېس ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېپاۋلو بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ھۇجۇم جەريانىدا توپ قولغا تەگكەن دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 31 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رامسېينىڭ پاس بېرىشى بىلەن رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزگەن، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس يەنە داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 49 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن كىچىك چىئېسا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 70 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، بېنتانكۇرنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن رونالدو توپنى ھەيدەپ يەكمۇيەك ھالەتتە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا ئۇدىنېستىن زېگېلار بىر توپ كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇستىن دىبالامۇ كەينىدىنلا بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجىدە ئۇدىنېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇنغا ئۆرلىدى.


分享到: