新闻详情

خېئۇسكا 1:0 بارسېلونا

发表时间:2021-01-04 12:47作者:alkuyi.com来源:qq.com




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئالكوراز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا خېئۇسكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن مېسسىنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن دېيوڭ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونادىن پېدرى ئىككى قېتىم توپ كىرگۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئوسمان دېمبېلېنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى قاپقا ئالدىدا توسۇپ چىقىرىۋەتتى، خېئۇسكادىن مىلنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مېسسىنىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە خېئۇسكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى بارسېلونا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، پېدرىنىڭ قاپقا ئالدىدا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مېسسىنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، ئوسمان دېمبېلېنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، پېدرىنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، ئالبانىڭ تەپكەن توپى قاپقىنىڭ يان سېتكىسىغا تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 27 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا ئاخىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن دېيوڭ قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى بارسېلونا يەنىلا ھۇجۇمنى بوشاشتۇرمىدى، ئوسمان دېمبېلېنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى قاپقا سىزىقى ئۈستىدە توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مېسسىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، خېئۇسكا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، مىلنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن پۇتىنىڭ كەينىدە تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بارسېلونادىن مېسسىنىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، پىيانچنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، دېمبېلې يەكمۇيەك ھالەتتە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە خېئۇسكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇنغا ئۆرلىدى.


分享到: