新闻详情

مېسسى 500-مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى

发表时间:2021-01-04 12:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئالكوراز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا خېئۇسكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن بارسېلونا كاپىتانى مېسسى، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 500-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا، مېسسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە پەيتنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەستايىدىل لاھىيەلەنگەن تەشۋىقات سۈرىتىنى يوللاپ، مېسسىنى قۇتلۇقلىدى.



2004-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى 2004/2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يەتتىنچى ئايلانمىسىدا، ئارانلا 17 ياشقا كىرگەن مېسسى، بارسېلونا مېھمان مەيداندا ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى بىلەن ئوينىغان كاتالونىيە دېربىيسىدە، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى باشلىغان.

خېئۇسكا بىلەن ئوينىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 500-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 499 مەيدان مۇسابىقە ئىچىدە، مېسسى جەمئىي 451 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 199 قېتىم ياردەم پاس بېرىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتقان.

2021010411175851350.jpg

مېسسىنىڭ بۇ ئالاھىدە پەيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەنگەن پىلاكاتنى ئېلان قىلدى. سۈرەتتە، بارسېلونانىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگەن مېسسى بىر تامغا قاراپ تۇرغان بولۇپ، تامدا ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھەر تۈرلۈك خاتىرە ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاقىتلىرىدا كىيگەن مۇسابىقە كىيىمى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىت ھەم شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى رەقىبلەر ئېنىق ئەسكەرتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كەينىگە «500» رەقىمى بېسىلغان مۇسابىقە كىيىمىمۇ بار ئىكەن.


分享到: