新闻详情

كرىستىيانو رونالدو پىلىدىن ئاشتى

发表时间:2021-01-04 13:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:سوخۇ تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كرىستىيانو رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، يۇۋېنتۇسنىڭ 1:4 نەتىجىدە رەقىبىنى ئۇتۇپ، 2021-يىلىنى غەلىبە بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى، مۇسابىقىدىن كېيىنكى سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن توپ سانى پۇتبول شاھى پېلىدىن رەسمىي ئېشىپ كەتكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككى توپنى قوشقاندا رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 758 توپقا يەتكەن بولۇپ، گەرچە پېلىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانىغا ئالاقىدار ھەر خىل پىكىرلەر بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پېلى كەسپىي ھاياتىدا 757 توپ كىرگۈزگەن، بۇمۇ رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە ئاللىقاچان پېلىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

202114

بۇنىڭدىن بۇرۇن رونالدونىڭ كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى جەھەتتە پېلىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارالغان، ئەمما ئەينى چاغدا رونالدونىڭ پورتۇگالىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىدا كىرگۈزگەن ئىككى توپىمۇ قوشۇپ ھېسابلانغان، شۇڭا ھازىر رونالدونى كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە رەسمىي ھالدا پېلىدىن ئېشىپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ.


بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر، 35 ياشلىق كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن 15 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا 18 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە ئۈچ قېتىم ياردەم پاس بېرىشتەك قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.


分享到: