新闻详情

لىۋېرپول مباپپېنى قوشۇۋالماقچى

发表时间:2021-01-04 13:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى


«كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، لىۋېرپولمۇ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تەييارلانغان. ئۇلار بۇ قېتىم ئوتتۇرا بېكتىن بىرنى قوشۇۋالماقچى، شۇنداقلا يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان مباپپې ۋە ئۇنىڭ توختامىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن.

مباپپېنىڭ پارىژ سانت گېرمان بىلەن تۈزگەن توختام ۋاقتى 2022-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە توختام ئۇزارتمىدى، «كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋېرپول يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان مباپپې ۋە ئۇنىڭ توختامىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن.

ھازىر پارىژ سانت گېرمان پۈتۈن كۈچى بىلەن مباپپې بىلەن توختام ئۇزارتماقچى، ئۇلاردىن باشقا خانلىق مادرىد قاتارلىق زەردار كۇلۇبلارمۇ مابپپېىنى قوشۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.


分享到: