新闻详情

رونالدو: يېڭى يىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە

发表时间:2021-01-04 13:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تور



بۈگۈن سەھەر ئېلىپ بېرىلغان ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجە بىلەن ئۇدىنېسنى مەغلۇب قىلىپ، 2021-يىلىدىكى ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داڭلىق ھۇجۇمچى كرىستىيانو رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، شۇنداقلا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە 9.4 نومۇرغا ئېرىشتى.

مۇسابىقىدىن كېيىن كرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا مۇسابىقە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ: «بۇرادەرلەر كۈچ بەردى! بىز ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن 2021-يىلىنى كۈتىۋالدۇق» دەپ يازدى.

2021010411513186934.jpg

بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە يۇۋېنتۇس بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئاز ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا يەتتە مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئالتە مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ 27 جۇغلانما نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 5-ئورۇندا تۇرماقتا. كرىستىيانو رونالدومۇ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 11 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزۈپ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرماقتا.


分享到: