新闻详情

بېنېۋېنتوVSACمىلان

发表时间:2021-01-04 12:26作者:ئەلكۈيى来源:懂球帝

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كىرو ۋىگورىتو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، AC مىلان مېھمان مەيداندا يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بېنېۋېنتو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، رېبىچ نۇقتا توپ ياسىدى، كېسسى نۇقتا توپنى كىرگۈزدى، كىچىك ئىنسىنېنىڭ تەپكەن توپى قاپقىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى، AC مىلاننىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تونالى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ، مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلان 0:1 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، AC مىلاننىڭ يان ھۇجۇمچىسى لېئو چەكلەنگەن رايون سىرتىدا ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، بېنېۋېنتو توپچىسى نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئاخىرىدا AC مىلان 0:2 نەتىجىدە بېنېۋېنتونى مەغلۇب قىلىپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مەغلۇب بولماسلىق رېكورتىنى ساقلاپ قالدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا، رېبىچنى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ توپچىسى سوقۇپ يىقىتىۋەتتى، رېپېر كەسكىنلىك بىلەن نۇقتا توپ بەردى، كېسسى تەمكىنلىك بىلەن توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، 20-مىنۇتتا، كىچىك ئىنسىنېنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا تەپكەن توپى قاپقىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى، 32-مىنۇتتا، تونالى توپ تالىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ پاقالچىقىغا دەسسىۋەتتى، رېپېر دەسلەپتە سېرىق كارتا بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان، كېيىن VAR ئارقىلىق بىۋاستە قىزىل كارتا بېرىپ ئۇنى مەيداندىن چۈشۈرۋەتكەن، كېيىن ئىككى تەرەپ ئانچە كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشمىگەن، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلان 0:1 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 48-مىنۇتتا، لېئو چەكلەنگەن رايون سىرتىدا ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى زورايتتى، 60-مىنۇتتا كرۇنىچ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، بېنېۋېنتو توپچىسى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى، 70-مىنۇتتا بېنېۋېنتو ھۇجۇمچىسى لاپادۇلانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، 73-مىنۇتتا، چالخانئوغلۇنىڭ تەپكەن توپى قاپقىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى، 83-مىنۇتتا كېسسىنىڭ تەپكەن توپى يەنە قاپقىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. ئاخىرىدا AC مىلان مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە بېنېۋېنتونى مەغلۇب قىلدى.


分享到: