新闻详情

بۇ تۆت نەرسىنى ئارىيەتكە بەرمەڭ

发表时间:2021-01-04 13:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

كىشىلىك ھاياتتا تونۇش-بىلىشلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆز-ئارا ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرىدۇ، ياردەم قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەت بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ھەر قانچە يېقىن بولسىمۇ، ياردەم بېرىشنىڭ چېكى بار، ھەممە ئىشقا ياردەم قىلىۋېرىشكە بولمايدۇ.

دوستلارنىڭ ئېغىز ئىچىپ نەرسە-كېرەك ئارىيەتكە ئېلىشى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال. بولۇپمۇ ياخشى دوستلار ئارىسىدا كۆپىنچە ھاللاردا ئېغىز ئېچىپ سالسىلا، رەت قىلىش تەسكە چۈشىدۇ، ماقۇل بولىدىغان گەپ. ئەمما بۇ تۆت خىل نەرسىنى ئەڭ ياخشىسى ئارىيەتكە بەرمەسلىك كېرەك.

1. ماشىنىڭىزنى ئارىيەتكە بەرمەڭ

مۇنداق داڭلىق بىر جۈملە سۆز بار «ماشىنا خوتۇنغا ئوخشاش، ئارىيەتكە بېرىشكە بولمايدۇ»، ئەمەلىيەتتە ماشىنىنى سىرتقا ئارىيەتكە بېرىشنىڭ خېيىم- خەتىرى چوڭ. چۈنكى ماشىنىنى ئارىيەتكە بېرىپ ھادىسە تۇغۇلسا، ئاخىرىدا ماشىنا ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دەۋا- دەستۇر پەيدا قىلىدۇ، ھەر خىل تۆلەم تۆلىگەنلىك توغرىلىق خەۋەرلەرمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

گەرچە ئەڭ يېڭى «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى»نىڭ بەلگىلىمىسىدە، ئىجارىگە ئېلىش، ئارىيەتكە ئېلىش قاتارلىق شەكىلدە ماشىنىنىڭ ئىگىسى، ماشىنىغا ھوقۇقلۇق كىشى، ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان پەيدا قىلسا، ماشىنا ھەيدىگۈچى تەرەپكە ئارتىلغان مەسئۇلىيەتتە، ماشىنا ھەيدىگۈچى زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ماشىنا ئىگىسى، ماشىنىغا ھوقۇقلۇق كىشى زىياننىڭ پەيدا بولۇشىدا خاتالىقى بولسا مۇناسىۋەتلىك تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

بۇ تۈزۈمنىڭ بېكىتىلىشى مۇئەييەن دەرىجىدە ماشىنا ئارىيەتكە بەرگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغان، ئەمما ھادىسە پەيدا قىلغان زىيان بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، ماشىنىنى ھەيدىگۈچى تۆلىيەلمەي قالغاندا، سوتتىن ماشىنا ئىگىسىنى ۋاكالىتەن تۆلەپ تۇرۇش، كېيىن ماشىنا ئىگىسى ۋەقە تۇغدۇرغۇچى شوپۇرنى ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىزدەپ تۆلەپ قويغان پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاڭلىماققا ئاددىي، راستتىنلا ۋەقەگە يولۇققاندا، ئۆزىنى چوڭ ئاۋارىچىلىككە تۇتۇپ بېرىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى بۇزىدىغان گەپ.

ئارىيەتكە بەرگەن ماشىنىنى دوستىڭىز قانداق ھالەتتە ھەيدەيدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيسىز، ئەگەر ئارىيەت ئالغان دوستىڭىز ھاراق ئىچكەن بولسا، كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ماشىنىڭىزنى باشقىلارنىڭ ھەيدىشىگە ئارىيەتكە بېرىشى مۇمكىن، ئەگەر ھادىسە تۇغدۇرسا سۇغۇرتا شىركىتى ھەرگىز تۆلەم بەرمەيدۇ، مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دوستقا يولۇقۇپ قالسىڭىز زىيان تارتقاننى ئاز دەپ گەپ قىلالماي قالىسىز.

ھادىسە تۇغدۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئارىيەتكە ئالغان ماشىنىنى قائىدە ئۇقىدىغان دوست بولسا ئاۋايلاپ ھەيدەيدۇ، ئىشى تۈگىگەندە پاكىزە يۇيۇپ سۈرتۈپ، مېيىنى لىقلاپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

يۈزى قېلىن دوست بولسا، ماشىنا ھەيدەش ئادىتى ياخشى ئەمەس، بولۇشىغا ھەيدەيدۇ، قايتۇرۇپ بەرگەندە، ماشىنا سۈرۈلگەن، مېيى تۈگىگەن، ھەم مەينەت ھالەتتە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىچىڭىز ئېچىشسىمۇ ھېچنېمە دېيەلمەيسىز، بۇنداق ئىش تەكرارلانغانسېرى دوستلۇققا تەسىر يېتىدۇ.

مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتايلى، ماشىنىنى ئەڭ ياخشىسى ئارىيەتكە بەرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئىش چىقىپ قالسا، ئۆزى بالاغا قالىدىغان گەپ.

2. ئىناۋىتىڭىزنى ئارىيەتكە بەرمەڭ

ئىناۋەت ھەر بىرىمىزنىڭ جەمئىيەتتە ياشىشىمىزنىڭ كاپالىتى، ئادىمىيلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى، ئىناۋىتىمىزنى يوقىتىپ قويساق، باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنمايلا قالماستىن، ئۆز تۇرمۇشىمىزغىمۇ پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ.

دوستىڭىز قەرز ئالغاندا، كېپىل بولغۇچى لازىم بولسا سىزنى ئەسكە ئالىدۇ. دوستىڭىز مەلۇم سۇپىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسە، سىزنىڭ ھېسابات نومۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ پۇل قەرز ئالماقچى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز لازىم بولىدۇ.

نەتىجىدە دوستىڭىز پۇلنى قايتۇرالمىسا، قەرز ئىگىسى سىز كېپىل بولغۇچىنى ئىزدەپ كېلىدۇ. سۇپىنىڭ پۇلىنى مۆھلەت توشقاندا دوستىڭىز قايتۇرالمىسا، ئىناۋەت دەرىجىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ، قەرز ئېلىپ ماشىنا ياكى ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز ئاللىقاچان بانكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۇزىۋېتىلگەن بولىسىز، ئۇ چاغدا ئامال يوق دوستىڭىز ئۇچۇن قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز.

گەرچە دوستىڭىز ئىزدەپ كېلىپ ئىناۋىتىڭىزنى ئۆتنە ئالماقچى بولغاندا مەيدىسىگە ئۇرۇپ ۋاقتىدا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەم قىلىدۇ، ئەمما ۋاقتى كەلگەندە قايتۇرغۇسى يوق ئەمەس، بەلكى قايتۇرغىدەك پۇلى يوق، ئۇنداقتا قانداق قىلىسىز؟

شۇڭا ئىناۋىتىڭىزنى باشقىلارغا ئۆتنە بەرمەڭ، بولمىسا ياخشى كۆڭلىڭىز يامان ئىشقا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئۆزىڭىزنى مالال قىلىۋالىسىز.

3. كىنىشكىڭىزنى ئارىيەتكە بەرمەڭ

كۆپچىلىك ھەقاچان مۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ باققان: بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرگەن، كېيىن كارتىدىكى ئىشلىتىلگەن پۇللارنى بانكىدىن سۈيلەش ئۇقتۇرۇشى چۈشكەندە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدە يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاپىرىپ ئىناۋەت كارتىسى بېجىرگەنلىكى مەلۇم بولغان.

بىزنىڭ كىنىشكىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ماتېرىيال، ئوڭايلىقچە باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرگەندە باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىدۇ، يوچۇق تېپىپ قائىدە- تۈزۈم، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلسا بىزنىمۇ چېتىۋالىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزى خالاپ كەلتۈرۈپ چىقارمىغىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەقدىردىمۇ، ئوتتۇرىلىقتىكى جەرياننىڭ قانچىلىك ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان.

كىنىشكىنى ئارىيەتكە بېرىش چوڭ پەرھىز، چوقۇم ئېسىڭىزدە ساقلاڭ.

4. يانفونىڭىزنى ئارىيەتكە بەرمەڭ

ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بىردىن يانفون بار، دوستىدىن ئارىيەتكە ئالىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمما بىرەرسى كېلىپ يانفونىڭىزنى ئارىيەتكە سورىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەزگىل ئىشلەتمەكچى بولسا پەخەس بولىشىڭىز كېرەك.

چۈنكى يانفونىمىزدا شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىز، مۇھىم ماتېرىياللار ساقلانغان بولىدۇ، ئەگەردە ئارىيەتكە بېرىلسە، ئالغان ئادەم قالايمىقان ئاختۇرىدۇ، شەخسى نەرسىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، يېنىك بولغاندا كەينىڭىزدىن مازاق قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا بەزى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ قائىدىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مەسئۇلىيەتنى سىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

تېخى نۇرغۇن كىشىلەر بانكا كارتىسىنى يانفونىغا باغلىۋالغان، دەلىللەش نومۇرى بولسىلا مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، يانفوننى باشقىلارغا بېرىپ تۇرۇپ پۇلدىن مەسىلە چىقسا، سۈرۈشتۈرۈش ناھايىتى ئاۋارىچىلىك.

شۇڭلاشقا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆز پىرىنسىپىمىز بولىشى، ئاخىرقى چەكتە چىڭ تۇرىشىمىز، بوشىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا نورمال تۇرمۇشىمىزغا زىيان يېتىدۇ.


分享到: