新闻详情

ۋاكسىنا ئەملىنىش باشلاندى

发表时间:2021-01-04 14:08作者:ئەلكۈيى来源:CNR


640-24.gif

640-59.png

3.jpg






31-دېكابىر، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى دۆلەتلىك دورا گۇرۇھى جۇڭگو بىيو تېخنىكا باي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ئاكتىپسىزلاندۇرۇلغان ۋاكسىنىسىنى دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ قوشۇمچە شەرتى بىلەن بازارغا سېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتىن بۇ ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمىنىڭ %79.34 بولۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، جايىدا، مۇۋاپىق بولۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە قوغداش ئۈنۈمىنى يەنە داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ بازارغا سېلىنىشى دۇنيانىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاكسىنىنىڭ دۇنياۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.

分享到: