新闻详情

بىيجىڭدىكى چاڭگا سارىيى

发表时间:2021-01-05 12:12作者:ئەلكۈيى来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




ھەر قانداق بىر شەھەرنىڭ بەلگە ئىمارىتى بولىدۇ، ئالايلۇق، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، شاڭخەينىڭ شەرق مەرۋايىتى، فىرانسىيەنىڭ ئېففېل مۇنارى دېگەندەك. ئۇنداقتا بېيجىڭدا قانداق بەلگە ئىمارەتلەر بار؟ 1-يانۋاردىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئون چوڭ بەلگە ئىمارەتنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدۇق، بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز چاڭگا

دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى، يەنى چاڭگا بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسى مەركىزىي رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تەنتەربىيە مەيدانى قىلىنغان. قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21 گېكتار، مەيدان ئىچىدىكى تاماشىبىنلار ئولتۇرىدىغان ئورۇن 91 مىڭ. 29-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى، يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ۋە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋە تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىشتىن بەھرىمان بولىدىغان چوڭ تىپتىكى كەسپىي سورۇنىغا ئايلانغان ھەم بەلگە خاراكتېرلىك تەنتەربىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسى مىراسىغا ئايلانغان.

2002-يىلى 25-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتى يەر شارىدىن 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تەنتەربىيە مەيدانى بولغان جۇڭگو دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇقۇم لايىھەسىنى توپلىدى. شىۋىتسارىيەدىكى خېلزوگ ۋە دېمېلون ۋېست لايىھەلەش شىركىتى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدە لايىھەلىگەن «چاڭگا» لايىھەسى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تەنتەربىيە مەيدانى بولغان جۇڭگو دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يولغا قويۇش لايىھەسى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەرەخ شېخىغا ئوخشاش پولات تور بىلەن 100 مىڭ ئادەم سىغىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى ئىللىق چاڭگا بولۇپ پۈتۈپ چىقتى، ھاياتلىقنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئاسراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇ «چاڭگا»غا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: