新闻详情

ئىقتىساد بازىرىدىكى ئۆزگىرىش

发表时间:2021-01-05 12:34作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg



2020-يىلى ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما خىلمۇخىل ئۇچىغا چىققان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشى ئۇنىڭ تارىختا كۈچەپ خاتىرە قالدۇرىدىغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ قويىدۇ، بۇنىڭدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى كۆپ يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. يۇقۇمنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىشى پەيدا قىلغان داۋالغۇش كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭلەرنى ياراتتى، ھەتتا 100 يىلدا بىر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خەۋەردە 2020-يىلى چەتئەل بازىرىدا ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان 10 ئۆزگىرىش رەتلەپ چىقىلدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.

1. بازارنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى 1929-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ بولدى، ئەمما ئەسلىگە كېلىشىمۇ ناھايىتى تېز بولدى: ئامېرىكا پاي چېكى تارىخىدا كۈندىلىك چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ ئالتە قېتىملىقتا بۇ قېتىم ئىككىسى كۆرۈلدى، قىسقىغىنا نەچچە كۈندە تۆت قېتىم «ئۈزۈۋېتىلدى». بىراق، قاڭقىپ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاشلا رېكورت ياراتتى، ناسدا كۆرسەتكۈچى پەقەت ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا يېڭى رېكورت ياراتتى.

2. دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتەرنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان زەربىسى 100 يىلدا بىر كۆرۈلىدۇ: يۇقۇم ۋە قامال قىلىش تەدبىرى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى توساتتىن «مۇز قاتۇرۇپ» قويدى، زەربىسى غايەت زور بولدى. ئامېرىكىدا 10 نەچچە مىليون ئادەم ئىشسىز قېلىپ رېكورت ياراتتى، يەككە پەسىلدە GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۇرۇشتىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، كارخانىلار پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشى پۇل مۇمىلە كىرىزىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.

3. پۇل سىياسىتى سالمىقى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان: دۇنيا ئۆسۈم پىرسەنتى يېڭى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى، مەنپىي ئۆسۈم پىرسەنتلىك زايوم يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

4. كەڭ كۆلەملىك مالىيە كېڭەيتىش، يۆتكەش چىقىمى ئاھالىلەرنىڭ ئامانەت قويۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلاتتى؛ ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ماكرولۇق پىشاڭى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.

5. ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىكى بېلەت تاشلاش نىسبىتى، سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش، «شەھەر-يېزىلارنىڭ ئايرىلىشى»، نەتىجە ئىختىلابىمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان.

6. ئامېرىكىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، بېسىلىپ قالغان ئۆي زاپىسى 2000-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.

7. ئۆسۈپ يېتىلىش قىممىتىنىڭ بۆلۈنىشى ۋە باشلامچى پاي بازىرى قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى؛ تەشكىللىنىش ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

8. زايوم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يۇقىرى رېكورت ياراتتى. 2020-يىلى 11-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ زايوم تارقىتىش كۆلىىمى 19 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىناۋەت زايومى تارقىتىش ئومۇمىي كۆلىمى ئىككى تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن نەچچە يىلدىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، ئەمما %60ى كونا قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلدى.

9. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يەككە تەرەپلىك تۆۋەنلەپ، 90 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ چۈشتى.

10. ئامېرىكا خام نېفىتىدە بىر مەھەل «مەنپىي باھا» كۆرۈلدى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا WTI خام نېفىتى 5-ئايلىق توختام باھاسى مال تاپشۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبلىك رېكورت ياراتقان مەنپىي قىممەتكە چۈشتى.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: