新闻详情

ئەڭ سوغۇق مەزگىلگە كىردۇق

发表时间:2021-01-05 13:49作者:ئەلكۈيى来源:949交通广播、新疆气象、央视新闻

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




بۈگۈن (1.5) 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى دەلۋىدىۋانە مەۋسۇمى كىرىدۇ، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىلگە كىرگەنلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

图片


بۈگۈن (1.5) ئۈرۈمچىدە، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى سوغۇق قەھرىتان سوغۇق ھېسابلانمايدۇ، تارىختا بۇ كۈندىكى تېمپۇراتورا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتلارمۇ بولغان.

ئاپتونوم رايون بويىچە قارىغاندا، بۇ ھەپتە ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ دائىرىدە قار يېغىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن، بۈگۈن (1.5) شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مىترىيولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا تېمپىراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەككەن.

图片

قىش پەسلىدە كۈتۈنۈشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

图片


بۈگۈن 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى دەلۋىدىۋانە مەۋسۇمى. قىش پەسلىدىكى بارچە مەۋجۇداتلار ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدىغان، ئادەم بەدىنىدىمۇ پەسىلگە ماس ھالدا ماددا ئالمىشىش نىسبىي ئاستىلايدىغان ۋە سەرپىيات ئازىيىدىغان، مۇشۇ سەۋەبلىك قىش پەسلىدە كۈتۈنىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل ھىساپلىنىدۇ. كىشىلەر بۇ مەزگىلدە روھىي جەھەتتىن كۈتۈنۈش، يېمەكلىك ئارقىلىق كۈتۈنۈش ۋە يېتىپ قوپۇپ كۈتۈنۈش جەھەتتە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.   بۈگۈن بىز سالونىمىزدا قىش پەسلىدىكى كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاشتا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.

جىمجىتلىقنى ئاساس قىلىپ، روھى جەھەتتىن كۈتۈنۈش كېرەك. قىش پەسلىدە خاتىرجەملىك، جىمجىتلىقنى ئاساس قىلىپ، روھىي جەھەتتىكى خۇشاللىق ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى مۇقىملىقنى ساقلاش لازىم. قىش پەسلىدە ھەر خىل ناچار كەيپىياتلارنىڭ كاشىلىسى ۋە غىدىقلىشىدىن ساقلىنىپ، كەيپىياتنى باشتىن- ئاخىر تىنچ ھالەتتە ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۈمىدۋار، خۇشال كەيپىياتتا تۇتۇش كېرەك.

ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك، سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش لازىم.

قىش پەسلىدە كۈتۈنۈشتە يېمەكلىك ئارقىلىق كۈتۈنۈشنى قوشۇمچە قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى ئوزۇقشۇناسلىقتا يېمەكلىكلەر سوغۇق، ئىسسىق، مۆتىدىل دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، كىشىلەر سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، سوغۇق، خام، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر-- نومى گۈرۈچى، ئاققوناق گۈرۈچى، كاشتان، چوڭ چىلان، ياڭاق مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى، جۈسەي، يۇمغاقسۈت، كاۋا، سېڭجياڭ، پىياز، سامساق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بالدۇر ئۇخلاپ، كېيىن تۇرۇپ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەك. «كۈن چىققاندا ئىشلەش، كۈن پاتقاندا دەم ئېلىش» لازىم. قىش پەسلىدە يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قىش پەسلىدە ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ئادەم بەدىنىدىكى مۇزەككەر يېلىنىڭ يوشۇرۇنۇشى ۋە مۇئەننەس جەۋھىرىنىڭ توپلىنىشىغا پايدىلىق.

قىش پەسلىدە چېنىققاندا تۇمانلىق، توزانلىق سەھەردە مەشىق قىلىشقا بولمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىش پەسلىدە سەھەردە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ھەر خىل زەھەرلىك، زىيانلىق گازلار كېچىدىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن يەر يۈزىگە چۆكۈپ، قۇياش چىقىپ، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىدىكەن.

قىش پەسلىدە سەھەردە دائىم تۇمان بولىدۇ. تۇمانلىق كۈنلەر قاتناشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇمان تامچىسىدىكى ھەر خىل كىسلاتا، ئىشقار، تۇز، ئامىن، فېنول، چاڭ- توزان، كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ نىسبىتى يامغۇر تامچىسىغا قارىغاندا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. قىش پەسلىدە سەھەردە تۇمانلىق كۈندە چېنىققاندا، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشى مۇقەررەر چوڭقۇرلىشىپ ۋە تېزلىشىپ، تۇماندىكى زىيانلىق ماددىلارنى تېخىمۇ كۆپ سۈمۈرۈپ، كانايچە ياللۇغى، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا سالامەتلىككە پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن بولسا، ئادەم بەدىنى ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ياشىسا ئاسانلا نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يوتقان- كۆرپىنىڭ قېلىن- نېپىزلىكىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش، ئادەم بەدىنى ئىللىق ھىس قىلسىمۇ تەرلىمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىش لازىم. سىرتقا چىققاندا كىيىدىغان پاختىلىق كىيىملەر ساپ پاختا رەختتىن تىكىلىشى، يۇمشاق، يېنىك، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك.

بويۇن، دۈمبە ۋە پۇت قاتارلىق ئورۇنلارنى ئالاھىدە ئىسسىقلىق ساقلاش لازىم.

بويۇننى ئىسسىق ساقلاشقا دېققەت قىلىش كېرەك. بەزىلەر قىش پەسلىدە داۋاملىق يۆتىلىدۇ ھەم ئاسان ساقايمايدۇ. ئىنچىكە كۆزىتىپ باقساق، ئەسلىدە ياقىسى ئوچۇق كىيىم كىيگەندە بويۇن كۆرۈنۈپ قېلىپ، سوغۇق ھاۋا كاناينى بىۋاستە غىدىقلاپ، سوغۇق ئۆتۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، ئېگىز ياقىلىق كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ، يۇڭ شارپا ئارتقاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى يوقايدۇ.

دۈمبىنى ئىسسىق ساقلاش لازىم. دۈمبە ئادەم بەدىنىنىڭ مۇزەككەر يېلى توپلاشقان مۇھىم ئورۇن بۇلۇپ، سوغۇق شامال قاتارلىق سوغۇق يەللەر دۈمبە ئارقىلىق ئاسانلا سوغۇق يەلدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر، نەپەس سىستېمىسى كېسىلى ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۈمبىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دېققەت قىلىش، پاختىلىق جىلىتكە كىيىش، ئۇخلىغاندىمۇ دۈمبىنى ئىسسىق تۇتۇش، سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، مۇزەككەر يېلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

پۇتنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاش لازىم. پۇت ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى 12 تومۇر، ئىچكى ئەزالار، قان ۋە يەللەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كونىلاردا «سوغۇق پۇتتىن ئۆتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. پۇت يۈرەكتىن يىراق بولغاچقا، قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر ئاز، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. شۇڭا، پۇتنى ئىسسىق ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. كۈندۈزى پۇتنى ئىسسىق ساقلاشقا دېققەت قىلغاندىن باشقا، ھەر كۈنى كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزملارنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە چارچاشنى تۈگىتىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: