新闻详情

يازغۇچىنى قەستلەش

发表时间:2021-01-05 16:31作者:ئەلكۈيى来源:新浪

640-24.gif

640-59.png

3.jpg



تاماشا چەمبىرىكى گەرچە شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، لېكىن بىز دۆلىتىمىز ئارتىسى ياڭ مىنىڭ بۈگۈنكى مۇتلەق ئورنى ھەم تەسىرى كۈچىنى ماختىماي تۇرالمايمىز.
ياڭ مى تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئوبرازلىرى كۆرۈرمەنلەر قەلبىگە ئورناپ كەتكەن! شۇنداق بولۇپلا قالماي يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۆزىنىڭ كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىكى تەسىرىنى مۇئەييەن ئۆزگەرتتى، بىز ياڭ مىنىڭ كەسپى تىرىشچانلىقى ھەم ئەمەلىي كۈچىنى كۆردۇق.

ياڭ مى نەچچە يىللاردىن بۇيان «كۆرۈلۈش نىسبىتى شاھى» دېگەن نامنى ئېلىپ كەلدى. كۆپچىلىككە ئايان، ياڭ مىنىڭ ئەسەرلىرى ئىزچىل قىزغىنلىقى يۇقىرى ھەم ياقتۇرۇشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ مى باش رول ئالغان كىنو-تىياتىرلار كۆرۈلۈش نىسبىتى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا، شۇڭلاشقا بۇ «كۆرۈلۈش نىسنىتى شاھى» دېگەن ناممۇ ياڭ مىغا بېرىلگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ياڭ مى تېلىۋىزىيە تىياتىر ساھەسىدىن كىنو ساھەسىگە ئۆتتى، ئۇ باش رول ئالغان كىنولارمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىنو ساھەسىدىمۇ ئەمەلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاندى.

ياڭ مىنىڭ «يازغۇچىنى قەستلەش» (刺杀小说家)دىكى ئوبرازى سەلبىي ئوبراز، بىز ئىلگىرى ياڭ مىنىڭ سەلبىي ئوبرازلىرىنى كۆپ كۆرۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ بۇنداق ئوبرازى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ قېتىمقىسى پەقەت بىر سەلبىي ئوبراز بولماستىن، يەنە تېخى بىر قەبىھ ئوبرازغا كىرىدۇ، ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرىمۇ كۆرۈرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ.

يېقىندا ياڭ مىنىڭ بۇ كىنودىكى ھەرخىل ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرى ھەمدە پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتكە ئېلىش جەريانى ئاشكارىلىنىپ ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇردى ھەم تەقەززا قىلدى.

ياڭ مى كىنودىكى بارلىق ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆزى تاماملىغان، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرگىمۇ سىياقداش ئىشلىتىشنى رەت قىلغان.

رېژىسسور مۇنداق دەيدۇ: «ياڭ مى كىنودىكى قىيىنلىقى يۇقىرى بولغان كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تاماملىدى، ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرى، ئۇرۇلغان، سوقۇلغان ھەممە كۆرۈنۈشنى ئۆزى ئالدى، ئۇ بۇ كىنو ئۈچۈن كۆپ مەشق ئېلىپ باردى، پەي سوزۇپ، ئارغامچىغا ئېسىلىپ، قىيىن ئېلىشىش مەشىقلىرىنى ھەمدە ئېسىلىپ قېلىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى كۆپلەپ ئۆگەندى. ئەمەلىيەتتە ياڭ مىنىڭ بۇ رولغا جەڭ ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەلىبە، بۇكىنودىكى سەلبىي ئوبرازنىڭ رولىنى دېمەي تۇرايلى، كىنودىكى ئاشۇ قاتتىق ئېلىشىش كۆرۈنىشى تاياق يىيىش ئۇرۇلۇش كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇ ئۆزى تاماملىدى!»

تۆۋەندە ياڭ مىنىڭ كىنودىكى رول ئېلىش جەريان مەشىقلىرى، پەردە ئارقىدىكى كۆرۈنۈشى:

رېژىسسورمۇ ياڭ مىنىڭ كەسپچان روھىغا قايىل بولماي تۇرالمىدى.

دىمەي بولمايدۇكى ياڭ مىنىڭ «يازغۇچىنى قەستلەش» (刺杀小说家)دىكى ھەربىر كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ مىنىڭ بۇ قېتىم جەڭ ئېلان قىلغان ئوبرازى ئادەمنى شۈركەندۈرگىدەك بىر قەبىھ ئوبراز، ياڭ مىنىڭ ھەربىر كۆرۈنۈشى، چىراي ئىپادىسى، گىرىم ئۈنۈمى شۇنىڭغا قوشۇلغان ياڭ مىنىڭ چىرايىدىكى رولغا كىرىشكەن ھالىتى ھەربىر كۆرۈرمەننى قايىل قىلماي قالمىدى!

كۆرۈرمەنلەر ياڭ مىنىڭ ئوبرازى ھەققىدە كۆپ مۇنازىرە قىلدى، ياڭ مىنىڭ بۇقېتىمقى مۇشەققەتلىك رول ئېلىش جەريانى پۈتكۈل تورداشلارنى ئۇنىڭ قابىلىيىتى ھەم تىرىشچانلىقىغا قايىل قىلدۇردى!
بىز ياڭ مىنىڭ قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئەسىرىگە ھۆرمەت بىلەن تەقەززالىق بىلدۈرىمىز!

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: