新闻详情

راموس كوماندىدىن ئايرىلماقچىمۇ

发表时间:2021-01-06 11:28作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچۇدى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




«ماركا گېزىتى»نىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە %34 توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىچە، راموس كوماندا بىلەن بىر يىل توختام ئۇزارتىدۇ دەپ قارىغان، %29 توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىچە، راموس خانلىق مادرىد بىلەن ئۇزۇن يىل توختام ئۇزارتىدۇ دەپ قارىغان، قالغان %37 توپ مەستانىلىرىنىڭ قارىشىچە، راموس توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلىدۇ دەپ قارىغان.

راموس بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ توختامى بۇ يىل 6-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى، ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى» يېقىندا ئاممىنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئەگەر راموس كوماندىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كېيىنكى كوماندىسى قايسى؟ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %53 پۇتبول مەستانىسى راموس پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا قوشۇلۇشنى تاللايدۇ دەپ قارىغان، %14 پۇتبول مەستانىسى راموس يۇۋېنتۇسقا بېرىپ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن قايتىدىن جەم بولىدۇ دەپ قارىغان، %4 پۇتبول مەستانىسى راموس AC مىلانغا قوشۇلىدۇ دەپ قارىغان، %16 پۇتبول مەستانىسى راموس ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىگە بېرىپ توپ تېپىدۇ دەپ قارىغان، %6 پۇتبول مەستانىسى راموس قاتارغا بېرىپ توپ تېپىدۇ دەپ قارىغان، قالغان %7 توپ مەستانىسى راموس يۇقىرىدىكى بىر نەچچە كوماندىدىن باشقا كوماندىلارغا قوشۇلىدۇ، دەپ قارىغان.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: